ئالتۇن باھاسى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى

parida 2017-07-17 11:52:22

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئاسىيا بازىرىدا خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئەتىگەنلىك بازاردا ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئۆسۈش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇدى ھەمدە باھاسى ئىككى ھەپتىدىكى يۇقىرى باھاغا يېقىنلاشتى. ئالدىنقى جۈمە كۈنى (7-ئاينىڭ 14-كۈنى) ئالتۇن باھاسى %1.4 ئۆرلىدى، سودا داۋامىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1232.76 دوللارغا چىقتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى ھەمدە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغاچقا، بۇ فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ بۇ يىل يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقىغا بولغان گۇماننى مۇئەييەنلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆسۈم نىسبىتى كۆزلىمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئالتۇن باھاسى قىسقا مەزگىللىك ھالقىلىق تەتۈر يۆنىلىشنى تاماملىدى، نۆۋەتتە مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا بازارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا دىققەت قىلماقتا.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.