ئالتۇن باھاسى چۈشۈشى مۇمكىن

gulbostan 2017-06-02 11:18:48

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى جۈمە كۈنى (6-ئاينىڭ 2-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا ئازىراق تۆۋەنلەپ 1262 دوللار\ئۇنسىيەگە چۈشتى. پەيشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 1-كۈنى) ئېلان قىلىنغان «كىچىك غەيرىي يېزائىگىلىك سانلىق مەلۇماتى» (ADP) دىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى كۆزلەنگەن قىممەتتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، شۇڭا ئالتۇن باھاسى 1261 دوللار\ئۇنسىيەگە چۈشتى. نۆۋەتتە، بازارنىڭ دىققىتى بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنىدىغان يېزائىگلىك سانلىق مەلۇماتىغا مەركەزلەشتى، بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش يولىنى مۇھىم كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما، يېقىنقى مەزگىلدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرى پۇل پاخاللىقىغا نىسبەتەن ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچەيدى، شۇڭا، ئىش ھەققى سانلىق مەلۇماتى ئەمەلىي ئىشقا ئورۇنلىشىش سانىدىنمۇ مۇھىم بولۇشى مۇمكىن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.