3-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئالتۇننىڭ باھاسىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدۇ

zumrat 2017-03-08 13:04:26

\


ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئالتۇن باھاسى ئۈچ ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 1264دوللاردىن چۈشۈشكە باشلىغان، بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئالتۇن باھاسى تار دائىرە ئىچىدە تەۋرەنمە تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، بەلكىم بۇ قېتىملىق تار دائىرىدە تەۋرىنىشتىن كېيىن بازاردا چوڭ ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن. كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە ياكى بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئالتۇن بازىرى چوڭ داۋالغۇش پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بار.
بۇ ھەپتە بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى بولسا جۈمە كۈنى ئېلان قىلىدىغان ئامېرىكا 2 -ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلىن كۆرسەتمىسىدە، ئەگەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە پۇل پاخاللىقى داۋاملىق مۆلچەردىكى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلسا ، ئۇنداقتا 3-ئايدا ئۆسۈم قوشۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى. جۈمە كۈنى غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقسا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كېلەر ھەپتە ئۆسۈم قوشۇشى مۇمكىن.

يېقىندا بىر قىسىم بازار تەھلىلچىلىرى مۇنداق دېدى : ئالتۇن باھاسى كېلەر ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل سىياسىتى يىغىنىدىن بۇرۇن داۋاملىق تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن ، لېكىن ئەمەلىيەتتە يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىدىن قورققۇدەك ئىش يوق. ئالتۇن باھاسى ئۆسۈم قارار يىغىنىدىن كېيىن يۇقىرى ئۆرلەپ، ئالدىنقى يىلى12-ئايدىكى بازار ھالىتى بىلەن ئوخشاش بولۇش ئېھتىماللىقى بار، ئەينى چاغدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى بىلەن ئالتۇن باھاسى%9 يۇقىرى ئۆرلىگەن. ئەگەر ئالتۇن باھاسى ئۆسۈم قارارىدىن كېيىن چۈشۈپ كەتسە، بۇ قېتىملىق چۈشۈش ئۆسۈشكە مال ئېلىش پۇرسىتىنى ياتىپ بەرگەنلىك بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.