ئالتۇن بازىرى غايەت زور تەۋرىنىش ھاسىل قىلىش مۇمكىن

zumrat 2017-02-28 11:32:52

\
خەلقئارالىق نەق مال ئالتۇن سەيشەنبە(2-ئاينىڭ28-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1253 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. دۈشەنبە(2-ئاينىڭ27-كۈنى) دوللار ۋە ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتى ئۆرلىگەن، ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ پارلامېنتتىكى سۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان. ئالتۇن باھاسى 1263.19 دوللارغا چىقىپ 3يېرىم ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان، بىراق ئارقىدىن كىچىك دائىرىدە چۈشكەن.
پۇل مۇئامىلە بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تىرامپنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى نۇتۇقىنىڭ مۇھىملىقى دۆلەت ئەھۋالىنىڭ مۇھىملىقىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان. سودا خادىملىرى يېقىندىن بۇيان ئۇلارنىڭ باج كېمەيتىش، ئاساسىي قۇرۇلۇش چىقىمى , ئىمپورت بېجى پىلانى ۋە ئۇنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ھەر بىر سۆزلىرىگە دىققەت نەزىرىنى سالغان، ھەمدە مالىيە سىياسىتىنىڭ جانلىنىش كۆلىمى ۋە پەيتنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى نۇتۇق مەزگىلىدە نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق مۈلۈك تېز ھەرىكەتكە كەلگەن. بەلكىم بۇ پۇل مۇئامىلە بازىرىدا چوڭ دولقۇن پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچ ئېلان قىلغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدا چىداملىق مەھسۇلاتلار زاكاس تالونى ئايلىق ئېشىش نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى چىققان ، ياساش كەسپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ تازا يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. لېكىن ئامېرىكىنىڭ 1-ئايدا ئۆي سېتىش ئىمزالاش خاتىرىسى2016 -يىلى5-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ئۆي سېتىۋېلىشقا نىسبەتەن چوڭ بېسىم پەيدا قىلغان.
تىرامپ سۆزىدە كۆرسەتمە بېرىپ: ئۇ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى زور مىقداردا قوشۇشنى مۆلچەرلىدى، ھەمدە باشقا جەھەتتىكى چىقىمنى تېجەش ئارقىلىق تولۇقلايدىغانلىقى بىلدۈردى. دۈشەنبە كۈنى نيۇ يورك ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى 1263.91 دوللارغا چىقىپ ئۈچ يېرىم ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان، كېيىن تېز سۈرئەتتە 10 دوللار تۆۋەنلەپ 1253 دوللاردا بازار يېپىلغان.
ئەسكەرتىش :مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. باشقا تور بەتلەرنىڭ قالايمىقان كۆچۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، بايقىلىپ قالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.