تىرامپنىڭ سۆزى دوللارنىڭ چۈشىشىنى ئىلگىرى سۈردى

gulbostan 2017-01-12 17:28:39

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 12-يانۋار ئاسىيا بازىرىدا، ئالتۇن كىچىك دائىرىدە ئۆرلەپ، تۈنۈگۈن يەتكەن 7 ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى ساقلىدى، ترامپ ئۆزىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي سىياسىتى ھەققىدە توختالمىغانلىقتىن، دوللار تۆۋەنلىگەن.
تەھلىلچىنىڭ ئېيتىشىچە، ترامپ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغاندىن كىيىنكى تۇنجى قېتىملىق مۇخبىرلار يىغىنىنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولغان، لىكىن باجنى كېمەيتىش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشى چىقىمى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئىنچىكە ھالقىلار ئۈستىدە توختالمىغان.
تىرامپ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا باجنى كېمەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشى چىقىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇ ئامېرىكا پايچېكى بازىرى بىلەن دوللارنى جانلاندۇرغان ھەمدە ئامېرىكا زايومىنىڭ سېتىلىشىغا سەۋەب بولغان. بىراق ئۇنىڭ قوغداش تەشەببۇسى ۋە بىر قاتار ئىلھامبەخىش سۆزلىرى نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىنى تارتقان.
ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ رەئىسى ئېللىن 12-يانۋار مائارىپ خىزمەتچىلىرى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق تور يىغىنىدا پەيدا بولغان بولۇپ، باشقا ساھەدىكىلەر ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولغان كەلگۈسى پۇل سىياسىتىنى ئاشكارلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كۆپلىگەن ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى ئەمەلدارلىرىمۇ بىر قاتار مەسىلەرگە قارىتا بايانات ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، بۇلار فىلادىلفىيە، چىكاگو، ئاتلانتا، داللاس ۋە سان لۇيىس قاتارلىق زاپاس پۇل كومېتىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەنگىلىيە بانكىسى (BOE) نىڭ بانكا باشلىقى (Mark Carney) نىڭ 11-يانۋار بىلدۈرىشىچە، ئەگەر پۇل-مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپادىن چېكىنىشى سەۋەبىدىن چېكىنسە، ئۇ ھالدا ئەنگىلىيەنىڭ غايەت زور بولغان پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت كەسپى ئاجىزلايدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.