ئالتۇن باھاسى 1200 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

gulbostan 2017-01-12 16:09:04

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق مال ئالتۇنى 12-يانۋار ئاسىيا ۋاقىت بۆلىكىدە 1200 دوللار\ئۇنسىيەلىك باھانى بۆسۈپ ئۆتتى ھەمدە بۇلتۇر 23-نويابىردىكى 1200.38 دوللار\ئۇنسىيەلىك باھادىن كىيىنكى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى، دوللار كۆرسەتكۈچى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا %0.5 چۈشۈپ، 101.16 گە يىىتپ، بۇلتۇر 12-ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن ئورۇنغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ئالامەتلەردىن كۆرىنىشىچە، ئالتۇننىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن بولۇپ، ئۆسۈش ھالىتى قايتىدىن قايتىپ كىلىشى مۇمكىن.
11يانۋار ئامېرىكىنىڭ بولغۇسى زۇڭتۇڭى تىرامپ ئۆزىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىقتىساد سىياسىتىگە بولغان تەشەببۇسىنى تىلغا ئالمىغان، بۇ دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتىنىڭ كەينىگە قايتىشىغا سەۋەب بولغان ھەمدە بىر ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا بولغان 101.28 كە چۈشكەن. ئالتۇن باھاسى تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆرلەپ، 1198دوللار\ئۇنسىيەگە چىققان.
بۇلتۇر 8-نويابىر ترامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلىنىشى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشىگە بولغان پەرەزنى پەيدا قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت زايۇمى پايدا نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلىگەن، ئامېرىكا پايچېكى بازىرىمۇ تارىختىكى يۇقىرى ئورۇننى ياراتقان، ئالتۇن باھاسى ئۆتكەن 4 پەسىلدە 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ۋەزىيەتتىن قۇتۇلغان. 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، يەرشارى زايۇم پايدا نىسبىتىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتى پەسەيگەن.
ئاۋشىن بانكىسى (ANZ) نىڭ 12-يانۋار بىلدۈرىشىچە: «ترامپنىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدىن كىيىن، ئالتۇنغا بولغان مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى ئۆرلەيدۇ. دوللار چۈشىۋاتقان مەزگىلدە، ئالتۇن باھاسى 1200 لىك ئۆتكەلگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ».
كانادا رويال بانكىسى (RBC) نىڭ تاۋار سىتىراتىگىيەچىسى Christopher Louney نىڭ 6-يانۋار ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا ئېيتىشىچە، ئالتۇننىڭ پەسىللىك تەھلىلىدىن قارىغاندا، ھەر يىلى 1-ئاي ۋە 2-ئايدىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىپادىسى كۈچلۈك بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالتۇن باھاسى بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى يىلدا ئىزچىل ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلايدىكەن.
بۇ بانكا 2017-يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتىدە بولىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ يىللىق ئالتۇن باھاسىنىڭ 1241 دوللار\ ئۇنسىيەدىن 1245 دوللار\ئۇنسىيەلىك باھاغا ئۆرلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2018-يىللىق ئوتتۇرىچە ئالتۇن باھاسىنىڭ 1303 دوللار\ئۇنسىيە بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.