ئالتۇن باھاسىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك بازار يۆلىنىشىگە قىزىقامسىز ؟

hasiyat 2017-01-10 17:51:10

\

FX168 مالىيە ئىقتىساد خەۋىرى تورى،ئىلكان تورى تەرجىمىسى، ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى يۇقىرى ئۆرلەپ،بەش ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتغا چىقتى، ھالبۇكى بۇ بازارنىڭ تېرامپ زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە چىققاندىن كىينكى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەرەقىياتغا يەنە بىر قېتىم باھا بېردىغان پۇرسەت ئېلىپ كەلدى .ئۇنڭدىن باشقا ،دوللار بىلەن ئامېرىكا دۆلەت زايۇمىىمۇ چۈشۈپ،ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق تىرەش ئېلىپ كەلدى.
ئامېرىكا دۈشەنبە كۈنى بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش بازار ئەھۋالى كۆرسەتكۈچى LMCI نى ئېلان قىلدى،بۇ ئۇچۇر تاساددبىي 0.3% تۆۋەنلىدى.ئۇچۇر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ،دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلەش ھالىتىدىن چۈشۈش يۆلىنىشىگە ئۆزگەردى.ئامېرىكا بازىرىدا ، نەق مال ئالتۇن باھاسى تۇيۇقسز جانلىنىپ، چوڭ دائىرىلىك ئۆرلەش كۈرۈلدى ھەمدە ھەر ئۇنسىيە ئالتۇن باھاسى 1180 دوللارنىڭ يۇقىرسىدا بولدى .
خۇيفىڭ ئاكسىيەسى تۇنجى قىممەتىلىك مىتاللار بازار ئانالىزچىسى James Steel مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ئامېرىكا دۆلەت قەرىز نىسبىتى كىچىك دائىرىدە چۈشتى ،دوللار بىلەن پاي چەك باھاسىمۇ ئوخشاشلا تۆۋەنلىدى ، بۇ ئالتۇن باھاسىغا تىرەش ئېلىپ كەلدى. ئالتۇن يېڭى گۈللەنگەن بازاردىن كېيىن يۈزلىنىشى پايدا ھالەتكە قاراپ مۇقىملىشىدۇ.»
ئالتۇننى قوللايدىغان بازارغا سالغان سودا فوندىنىڭ زاپاس ئالتۇن مىقدارىنىڭ چوڭ كۆلەملىك كېمىيىش ئەھۋالى ئازايدى، يەنە كېلىپ، ئاسىيادىكى ئاساسلىق ئالتۇن ئىستىمال بازىىرى بولغان ھىندىستان بىلەن جۇڭگۇنىڭ پەسىل خاراكىتىرلىك ئالتۇن سېتىۋېلىش ئھتىياجى قاتتىق كۈچەيگەن بۇلۇپ،ھىندىستان ئاللىبۇرۇن توي مۇراسىمى كۆپ ئۆتكۈزۈلدىغان مەزگىلنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قەدەم قويدى، جۇڭگۇمۇ چاغانلىق بايرام مەزگىلىگە قەدەم قويدى.
لېكىن جۈمە كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسدە كۆرسىتىلىشچە، 1-ئاينىڭ 3-كۈندىكى شۇ ھەپتىدە ، قوش ئۈزۈلمە فوندى ۋە فوند دىرېكتورى ئۇدا سەككىز ھەپتە COMEXقەرەللىك ئالتۇن مېلى ساپ مال توختامىنى ئازايتقان.


ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.