ئۈچ ئامىل ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى

zumrat 2017-01-10 17:44:55

\

سەيشەنبە (1-ئاينىڭ 10-كۈنى) ئاسىيا ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى 1187.7دوللار ئەتراپىغا چىققان، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە دوللارنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئەنگلىيە ياۋروپادىن چېكىنىش ئەندىشىسى يەنە بىر قېتىم خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، بۇندىن باشقا جۇڭگو ئالتۇن ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئامىللار تەسىر كۆرسەتكەن. تېخنىكىلىق يۈزىدىن قارىغاندا ئالتۇن باھاسىنىڭ كېيىنكى تىرەش نۇقتىسى1202دوللار ئەتراپىدا.

MKSPAMPGroup نىڭ سودا خادىمى SamLaughlinكۆرسەتمىسىدە، نۆۋەتتىكى سودا مىقدارى تۆۋەنرەك بولۇپ، ئالتۇن بازىرى ئېھتىياتچانلىق ھالىتىدە، ئالتۇن باھاسىنىڭ كېيىنكى يۆنىلىشى ئۆسۈش بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 1200دوللارغا چىقىش ئېھتىماللىقى بار دەپ كۆرسەتتى.

نۆۋەتتە بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى تىراپ چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىشى، تىراپ ئېھتىمال ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى سىياسەتلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.