ئالتۇن باھاسى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتتى

zumrat 2019-02-14 17:25:22

\

پەيشەنبە 2-ئاينىڭ14-كۈنى ياۋروپا سودا بازىرىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1310دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو ئامېرىكا سودا ۋەزىيىتىنىڭ يېڭى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، خەۋپ - خەتەرنى كونترول قىلىش كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرلۈپ دوللارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى پەسەيدى. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرى، يەنى ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى، ئامېرىكا PPIسانلىق مەلۇماتى، پارچە سېتىش مەلۇماتى قاتارلىقلار.

بۈگۈنكى ئالتۇن ۋەزىيىتىگە قارىتا TitanFXئورگىنى ماقالىسىدە قىسقىچە تەھلىل ئېلىپ باردى، ئالتۇن باھاسى يۇقىرى نۇقتىلاردا تەۋرىنىش ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا 1225دوللاردىكى باھادا توسالغۇغا نۇقتىسىغا ئۇچرىدى، ئالتۇن باھاسى 1320-1310دوللار ئارىلىقىدا بازار تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ھازىر بازار يۆنىلىشى 1315-1300ئارىلىقىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1315دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىنى بۇزۇپ تاشلىيالىسا قايتا 1325دوللار ئەتراپىغىچە چىقىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. ناۋادا ئالتۇن باھاسى تۆۋەن تىرەش نۇقتىسى 1302دىن چۈشۈپ كېتىپ قالسا، چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ 1295-1290ئەتراپىدا يەنە بىر تىرەشكە ئۇچرايدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئالتۇن باھاسى يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.