قەرەللىك ھوقۇق بازىرى بۇ سىگنالدىن بېشارەت بەردى

ilkan_atigul 2018-12-11 18:48:33

\

دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن يەنە تەۋرەنمە تەۋرىنىش قىلىپ ئۆرلەپ، ھازىر 1246دوللار سەۋىيە ئەتراپىدا تەۋرىنىش قىلدى، ئەتىگەنلىك بازاردا خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى تۆۋەنلىدى، دوللار كۆرسەتكۈچ ئازراق تۆۋەنلەپ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. كەچرەك، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىتالىيە خامچوت لايىھىسى، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا كېلىشىمنامىسى ۋە خۇاۋېي CFO قولغا ئېلىنغان قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى، ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا يەنە PPI سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلىدۇ .
ئانالىزچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ چۈشىشى بولسا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئەتتىگەنلىك بازاردا ئۆرلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل، خەۋپ - خەتەر تەتۈر ئايلىنىش كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە ، مەبلەغ سالغۇچىلار داۋاملىق ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ، دېمەك، ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىدە ئۈمىد بار ھەمدە 200 كۈنلۈك تەكشىلىك سىزىقىدا 1255 دوللار ئەتراپىدا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.
تۈنۈگۈن كەچتە، ياۋروپادىن چېكىنىپ چىقىش سۆھبىتى ئېلىپ كەلگەن كۈچلۈك بولغان ئېنىقسىزلىق سەۋەبىدىن، ئامېرىكا دوللىرى خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈسۈش بازىرى تەرىپىدىن تىرەشكە ئۇچراپ زور دەرىجىدە ئۆرلىدى، ھەمدە 97 پۈتۈن سان ئۆتكۈلىنى قايتۇرۇۋالدى. گەرچە بۈگۈن ئىچىدىكى ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئۈچ كۈنلۈك چۈشۈشنى ئاللىقاچان يۇتۇپ كەتتى، شۇڭا يەنىمۇ ئۆرلەش ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ .
تەھلىلچىلەر يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشكە نىسبەتەن قەرەللىك ھوقۇق ئېھتىياج ئېشىۋاتىدۇ، ئالتۇن ئۈچ ئايلىق خەۋپ - خەتەر تەتۈر كۆرسەتكۈچى1.125 ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ، ئىككى ھەپتە بۇرۇنقى0.125 -زور دەرىجىدە ئاشتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.