كەچلىك بازاردا ئالتۇن باھاسى چوڭ تەۋرىنىشنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن

zumrat 2018-11-29 18:39:59

\

پەيشەنبە11-ئاينىڭ29-كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى بائۇئېر ئۆسۈم قوشماسلىق توغرىسىدىكى سۆزى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەندىشىسىنى خاتىرجەم قىلدى، بازارنىڭ مۆلچەرىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش دەۋرى ئاخىرلىشىدىغانغا ئاز قالدى دەپ مۆلچەرلىگەن. بائۇئېرنىڭ بۇ ئىپادىسى دوللار كۆرسەتكۈچىنى بىر ئاخشامدىلا چوڭ بېسىمغا ئۇچراتقان، دوللار كۆرسەتكۈچى 97دىكى مۇھىم تىرەش نۇقتىسىنى ساقلاپ قالالمىغان، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1226.5دوللار ئەتراپىغا يېقىنلاشقان. بۈگۈنكى سودا كۈنىدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا شەخسىي چىقىم ۋە مال باھا كۆرسەتكۈچى PCE پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى، بۇندىن باشقا جۈمە كۈنى سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى 3:00دە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنىنىڭ مۇھىم خاتىرىسى ئېلان قىلىنىدۇ، كەچلىك بازاردا ئالتۇن باھاسى چوڭ تەۋرىنىشنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن.

بۇ يىل كىرىپ بۈگۈنگە قەدەر، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشۇش ئېلىپ بارغان. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، جۈمە كۈنى سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى 3:00دە ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنىنىڭ مۇھىم خاتىرىسىدە تېخىمۇ كۆپ بولغان پۇل سىياسىتىنى تارايتىش يولى يىپ ئۇچىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن.

بىراق، كۈچلۈك بولغان ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا پاي چېكى بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى، بەزى ئانالىزچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان مۈلۈككە قىزىقىشى ئېشىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويدى.

ئالتۇن باھاسىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن قارىغاندا، نىسپىي كۈچلۈك - ئاجىزلىق كۆرسەتكۈچى RSIنۆۋەتتە50دىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرغان. ئالتۇن باھاسىنىڭ تىرەش نۇقتىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا، 1210.42دوللار، 1200.51دوللار، 1189.82دوللار؛ ئالتۇن باھاسىنىڭ توسالغۇ نۇقتىسى 1231.02دوللار، 1241.71دوللار، 1251.62دوللار.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.