ئۆسۈم قۇشۇش مۆلچەرى كۈچىيىپ، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىدى ؟

ilkan_atigul 2018-05-15 18:20:11

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ Sprott Inc قۇرغۇچىسى ، يۈز مىليونلىغان قىممەتلىك مېتاللار مەبلەغ سالغۇچىلىرى Eric Sprott مۇنۇلارنى بىلدۈردى :بەزىلەر ، ئۆسۈم نىسبىتى ئۆرلىگەندە ، ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ قالىدۇ ، بۇنداق قاراش « پۈتۈنلەي خاتا » .

Sprott ئۆتكەن جۈمە كۈنى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ :« ئۆسۈم نىسبىتى ئۆرلىگەندە ، ئالتۇن باھاسى ئۆرلەش بولمايدۇ ، بۇنداق قاراش تامامەن خاتا .لېكىن بازاردا بۇنداق قاراش بولدى . »

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئالتۇن باھاسىنىڭ كېيىنكى قەدەملىك يۈزلىنىشى ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا فىدېراتسىيەسى زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتىنى چىڭىتىش پەيتىدە, ئامېرىكا كەلگۈسى پۇل مۇئامىلە ئەھۋالىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش كىرەك.

Sprott مۇنۇلارنى بىلدۈردى :ئالتۇنغا پايدىلىق ئالامەتلەردىن ،بەلكىم ئىقتىسادىي ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش تەييارلىقى تىخى پۈتمىگەن بولىشى مۇمكىن.

Sprott نى ئەندىشىگە سالىدىغان ئىش بولسا،بەزى خەۋپ - خەتەر رېئاللىققا ئايلانغاندا،بازار قانداق ئىنكاستا بولىدۇ.

بۇ يۈز مىليونلىغان بايلار مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋال ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ۋاقىتلىق قىسقارتىش دەۋرىگە كىرمىدى، بۇ ئالتۇنغا پايدىلىق .

ئۇ مۇنداق دەيدۇ : « ئەمەلىيەتتە ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى مەلۇم بىر نۇقتىدا ۋاقتىنچە توختىتىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى ئىقتىسادى بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق كۈچلۈك ئەمەس.



ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.