ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەتەرگە دۇچ كېلىپ ئالتۇن باھاسى ئۆرلىدى

parida 2018-01-19 12:11:13

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە كۈنى (1-ئاينىڭ 18-كۈنى) ئامېرىكا ئىقتىساد ئەھۋالى توغرىسىدىكى قۇڭۇر تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مۇھىم سۆز قىلغاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىگەن ئىدى. ئالتۇن كۆپ مىقداردا سېتىۋىتىلگەندىن كېيىن باھاسى ئاساسەن مۇقىم ھالەتنى ساقلىدى. ئامېرىكا بازىرىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1332.10 دوللارغا چىقتى، 1330 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى.
بازار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خامچوت لايىھەسىنىڭ يۇقىرى چېكىگە قارىتا بېلەت تاشلاشنى تەشەببۇس قىلدى، ئەمما ھازىرغىچە ئىككى پارتىيە خامچوت لايىھەسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىش خەۋپ-خەتىرى كۈچىيىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى توختاتتى، ئالتۇن چۈشۈشتىن ئۆسۈشكە بۇرۇلدى.
تۆنۈگۈن ئېلان قىلىنغان جۇڭگونىڭ 2017-يىلى 4-پەسىلدىكى GDP قىممىتى %6.9 ئاشقان بولۇپ، 2016-يىلىدىكى %6.7 دىن يۇقىرى بولغان. يېقىندا ئېلان مۇھىم سانلىق مەلۇماتلاردىن، ئامېرىكىنىڭ شۇ ھەپتىلىك دەسلەپكى ئىشىسىزلىق پۇلى سانى بولۇپ، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىلىك دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلى ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانى 220 مىڭ كىشى بولۇپ، ئۇدا 150 ھەپتە 30 مىڭلىق ئۆتكەلدىن تۆۋەن بولغان، داۋاملىشىش ۋاقتى 1970-يىلىدىن بۇيان ئەڭ ئۇزۇن بولغان.
تېخنىكىلىق جەھەتتىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى 1330 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر مۇشۇ ئۆتكەلنى مۇقىم ساقلىيالىسا، ئۇنداقتا داۋاملىق ئۆرلەپ 1340 دوللارغا ھەتتا بۇلتۇر 9-ئايدىكى يۇقىرى باھا 1357 دوللارغا قاراپ ئۆرلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1330 دوللاردىن ئاشالمىسا، ئۇنداقتا داۋاملىق تۆۋەنلەپ 1324 دوللارغا ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنلەپ 1312 دوللارغا چۈشۈشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.