ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئۆرلىدى

parida 2018-01-15 15:20:34

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى (1-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا دەسلەپتە 1337 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى، تۆت ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشتى. ئالدىنقى جۈمە كۈنى (1-ئاينىڭ 12-كۈنى) گېرمانىيە سىياسىي ئىتتىپاق تەشكىللەش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولغاچقا بۇ دوللار بىلەن ياۋرۇنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ 12-ئايلىق پارچە سېتىش ھەمدە CPI ئىستىمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىققان بولسىمۇ، ئەمما دوللار كۆرسەتكۈچى نيۇيورك بازىرىدا يەنىلا تۆۋەنلىگەچكە، ئالتۇن باھاسى شۇ كۈنى %1 ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1339.31 دوللارغا چىقتى، ئۇدا بەش كۈن ئۆرلىدى. بۇلتۇر 4-ئايدىن بۇيان داۋاملىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولدى. گەرچە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما تەھلىلچىلەر دوللارنىڭ كاساتلىشىشى، ئېراننىڭ يادرو كېلىشىمى ھەمدە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى قاتارلىق ئامىللار يەنىلا بۇ ھەپتىدە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.
دوللار كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ھەپتە داۋاملىق تۆۋەنلىدى، ئالدىنقى جۈمە كۈنى بۇلتۇر 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا 90.92 غا چۈشتى. بۇ ئاساسلىقى بىر تەرەپتىن، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ھاكىميەت ئىتتىپاقى سۆھبىتى پىلانىدا رەسمىي كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقتىن، ياۋرۇنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى يۇقىرىلاپ ئۈچ يىل ئىچىدىكى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فوندستېرلىڭ كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرىلىشىمۇ دوللارنىڭ تۆۋەنلىشىگە توسالغۇ بولدى، گوللاندىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ ئەنگىلىيە ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلىشىغا قارىتا قوللاش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. يەنە بىر جەھەتتىن، ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى كۈچلۈك سانلىق مەلۇماتلار دوللارغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ 12-ئايلىق ئامېرىكا يادرولۇق ئىستىمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى 11 ئايدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بۇ يىلقى پۇل پاخاللىقىنىڭ تېزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوللار بىلەن باشقا ئاساسلىق پۇللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، نەق ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى جۈمە كۈنى %1.2 ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1339.31 دوللارغا چىقتى، 9-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى جەمئىي %1.4 ئۆرلىدى، تۆت ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتتى. نەق كۈمۈش باھاسى ئالدىنقى جۈمە كۈنى %1.4 ئۆرلەپ 17.20 دوللارغا چىقتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.