ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئالتۇن باھاسىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ

zumrat 2017-08-16 18:52:58

\


تۈنۈگۈن كەچ پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش يۈزلىنىشىگە زەربە بېرىپ، ئالتۇن باھاسى 1270دوللاردىكى ئۆتكەندىن چۈشۈپ كەتكەن. بۈگۈن كەچ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا شەك - شۈبھىسىزكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 7 - يىغىنى خاتىرىسى.

Forex.comنىڭ تېخنىكا ئانالىزچىسى Fawad Razaqzadaكۆرسەتمىسىدە، ئامېرىكا 7 - ئايلىق پارچە سېتىش مەلۇماتى مۆلچەردىكىدىن كۈچلۈك بولغاچقا، دوللار يۇقىرى ئۆرلىگەن، ئامېرىكىنىڭ قەرز پايدا نىسبىتى ئۆرلەپ ، پاي چېكى بازىرى قايتا قايتا جانلاندى، شۇنىڭ تەسىرىدىن ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچرىغان. بىراق ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك يۆنىلىشى يەنىلا ئۆسۈش ھالىتىدە دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە، پاي چېكى بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا بولسا، ئالتۇن باھاسىنىڭ 1295 دوللاردىن ئىبارەت بۇ توسالغۇنى بۆسۈپ ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن. ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1295دوللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلىسە، ئالتۇن بازىرىدا زور بۇرۇلۇش بولىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.