ئامېرىكا چاۋشيەن ۋەزىيىتى پەسىيىپ ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىدى

parida 2017-08-15 11:52:41

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا دەسلەپكى بازاردا زور نىسبەتتە تۆۋەنلىدى، سودا داۋامىدا 1272.79 دوللارغا چۈشتى. دۈشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 14-كۈنى) ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن ۋەزىيىتى پەسەيدى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى تۆۋەنلىدى، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئامېرىكا پايچېكى تەڭلا ئۆرلىدى، ئالتۇن باھاسى ئىككى ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى باھادىن تۆۋەنلىدى، سودا داۋامىدا ئەڭ تۆۋەن بولغان 1278 دوللار\ئۇنسىيەگە چۈشتى. نۆۋەتتە پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ دىققىتى بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا 7-ئايلىق پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىغا مەركەزلەشتى، بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ «ۋەھىمىلىك سانلىق مەلۇمات» دىگەن نامى بار بولۇپ، ھەر قېتىم پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا زور داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن ئوتتۇرسىدىكى «سۆز ئۇرۇشى» ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پەسكويغا چۈشتى، توقۇنۇش ۋە ئەندىشە پەسەيدى، شۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇن، يىن، شۋىتسارىيە فرانكى قاتارلىق خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش مۈلكىدىن ۋاز كېچىپ قايتىدىن ئامېرىكا دوللىرى ۋە پايچېكىگە مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىدىكى 3-نومۇرلۇق شەخس-نيۇيورك فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى Dudley نىڭ باياناتىمۇ دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. Dudley مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات داۋاملىق ياخشى بولسا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى 9-ئايدىن باشلاپ زور مىقداردىكى قەرز جەدۋىلىنى قىسقارتىشنى باشلايدۇ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇشىمۇ مۇمكىن.

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى دۈشەنبە يۇقىرلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پايچېكىمۇ %1 ئەتراپىدا ئۆستى، ئامېرىكا دۆلەت زايوم پايدا نىسبىتى يۇقىرلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالتۇن باھاسى %0.6 تۆۋەنلىدى، 1281.21 دوللار\ئۇنسىيەگە چۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.