پۇلدارلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سىزدە پەقەت مۇشۇ ئالتە تەپەككۇر ئۇسۇلى كەمچىل

parida 2019-03-12 13:10:00

\


1. سودا قىلغاندا پۇلغا تايانمايدۇ.

مەبلەغ يوق، تېخنىكا يوق، ئىختىساسلىقلار يوق، ئازراقمۇ ئەۋزەللىككى يوق، نېمىدىن قورقىسىز، باشقىلاردىن ئارىيەتكە ئېلىڭ.

2. باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

ئىگىلىك تىكلەشتە، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىسىز، ياخشى ھەمراھ بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھ بولۇپ، كۆپچىلىك پايدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدە زىچ ئۇيۇشۇپ، بىللە بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، كۈچنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگەندە ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.

3. تىرىشقاندىلاچوقۇم غەلبە قىلغىلى بولىدۇ.

ئىگىلىك تىكلەش بەك جاپالىق، جاپا تارتماي قانداقمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولسۇن؟ جاپانىڭ تېگى راھەت. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا كۈندۈزى خوجايىن بولۇپ، كېچىسى تاختاينىڭ ئۈستىدە ئۇخلاش ئىگىللىك تىكلەش يولىنىڭ نەقەدەر جاپاللىق ئىكەنلىكىنى روشەن يۇرۇتۇپ بېرەلەيدۇ.

4. كىچىك بولساممۇ، چوڭلا قىلغان ئۇسۇلدا ئىش قىلىشىنى ياخشى كۆرىمەن.

سودا قىلغاندا ھەمىشە ئۆزىنىڭ پۇل تېپىشنىلا ئويلىسا بولمايدۇ، 10يۈەن تاپقىلى بولىدىغان سودىدا، ئالتە يۈەن تاپساق بولدى. قالغان تۆت يۈەننى باشقىلارنىڭ تېپىشىغا بۆلۈپ بېرىش كېرەك. شۇنداق بولغاندا، باشقىلار پۇل تاپقان ۋاقتىدا، يەنە سىزنى ئەسلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ پۇل تېپىش پۇرسىتىڭىز تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.

5. ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىڭ.

بازار ئىگىلىكى قېلىپلاشمىغان ۋاقىتتا، سۈپەتسىز مەھسۇلاتلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىدى، لىكىن ھازىرقى ئىقتىساد ئۇچقاندەك گۈللىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە، سۈپەت بازار ئىگىلىكىدە ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولغان قائىدە. سودىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشغا ئەگىشىپ ، چوقۇم بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلدىغان نىشان بولۇشى كېرەك، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىنىڭ رەھبىرىگە ئايلىنىڭ.

6. تەتۈر تەپەككۈر قىلىش.

باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلاردا، ناۋادا چاتاق چىقسا قانداق قىلىش كېرەك؟ باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشتىن نېمە قورقىسىز؟ مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن سىزدىن ھېچكىم تالاشمايدۇ، بازارنىڭ بېشى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ سودىسىنىڭ بۇنچىلىك ياخشى بولۇپ كېتىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل بولسا ئۇلار سودىنى بىر قەدەم بۇرۇن باشلىغان، شۇڭا باشقىلاردىن كۆپ پۇل تېپىۋاتىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.