ئىراق نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش مىقدارىنى ئاشكارلىدى

gulbostan 2017-01-25 10:24:35

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئىراق ئېنېرگىيە مىنستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى Jabar Alial-Luaibi نىڭ 23-يانۋار لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بىلدۈرىشىچە، ئىراق كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقرىش مىقدارىنى كۈنىگە 180 مىڭ باك كېمەيتكەن ھەمدە بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كۈنىگە يەنە 30 مىڭ باك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىدىكەن.
بۇ قېتىملىق كېمەيتىش ھەرىكىتى ئەسلىدە بار بولغان كۈنىگە 4 مىليۇن 750 مىڭ باك نېفىت ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، Luaibi :«بىز OPEC نىڭ سىياسىتى ۋە كىلىشىمىگە ئەمەل قىلىمىز، پۈتۈن ئىراق ھازىر نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئىراق OPECنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئىمزالىغان كىلىشىمىدە كۈنىگە 210 مىڭ باك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىشكە قوشۇلغان.
Luaibi نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىش ئالدى بىلەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىن باشلانغان ھەمدە مەھسۇلات كېمەيتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىراق چىگرىسى ئىچىدىكى خەلقئارالىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى بىلەن ئالاقىلاشقان بولۇپ، « ياخشى ئىنكاس» قا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، رۇسىيەلىك ئىشلەپچىقارغۇچى Lukoil كۈنىگە 20 مىڭ باك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىما بەرمەيدىغانلىقىنى بىلگەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى (BP) مۇ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
ئەسلى مەنبەنى چېكىپ ئىلكان تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.