نېفىت زاپاس مىقدارى 2017-يىلى 4-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى

parida 2020-04-30 18:35:25

\

ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى ( E I A ) ( 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ) دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى نېفىت زاپىسى 2017-يىلى 4-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت زاپىسى 8 مىليون 991 مىڭ باكقا يېتىپ، ئالدىنقى قىممىتى 15 مىليون 22 مىڭ باك كۆپەيگەن. مۆلچەردىكى قىممىتى 10 مىليون 619 مىڭ باك بولغان. ئامېرىكىنىڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مىقدارى كۈنىگە 14 مىليون 525 مىڭ باك بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 28 ئازايغان. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 100 مىڭ باكتىن 12 مىليون 100 مىڭ باكقىچە ئازايغان. ئامېرىكا ئوكلاخوما ئىشتاتىدىكى كۇشىن خام نېفىتىنىڭ زاپاس مىقدارى 2017 -يىلى 11 -ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىدىكى ئالدىنقى ھەپتىدىكى نېفىت زاپىسى 2017 - يىلى 6 - ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى. ئامېرىكا پارس قولتۇقى رايونىدا نېفىت زاپىسى 2017 - يىلى 3 -ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىپ، ئامېرىكىنىڭ بېنزىنغا بولغان ئېھتىياجى كۈنىگە 549 مىڭ باك ئېشىپ، 5 -ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن .
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.