سودا سۇغۇرتىسىنى قانچىلىك چۈشنىسىز؟

parida 2020-04-30 18:13:12

\

سودا سۇغۇرتىسى بولسا سۇغۇتا توختامى تۈزۈپ تىجارەت قىلىدىغان، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان سۇغۇرتا شەكلى ئارقىلىق، مەخسۇس سۇغۇرتا كارخانىسىنىڭ تىجارەت قىلىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. سودا سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى بولسا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۈزگەن توختام مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ، سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامدىكى تۈرگە ئاساسەن سۇغۇرتا شىركىتىگە سۇغۇرتا ھەققى تۆلەيدۇ، سۇغۇرتا شىركىتى توختامدا پۈتۈشكەن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھادىسە تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مال-مۈلۈك زىيىنىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ياكى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، مېيىپ بولۇپ قالسا، كېسەل بولۇپ قالسا ياكى پۈتۈشكەن يېشىنىڭ قەرەلى توشقاندا سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ .

سۇغۇرتىنىڭ ئالاھىدىلىكى :

1.سودا سۇغۇرتىسىنىڭ تىجارەت سۇبيېكتى سودا سۇغۇرتا شىركىتى

2.سودا سۇغۇرتىسىدىكى بارلىق ئىنكاس قىلىنغان سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى سۇغۇرتا توختامى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ .

3.سودا سۇغۇرتىسىنىڭ ئوبيېكتى ئادەم ۋە نەرسە ( جۈملىدىن شەكىللىك ۋە شەكىلسىز ) نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كونكرېت نىشان ئىگىسى ھايات ۋە جىسمانىي، مال - مۈلۈك ھەمدە مال-مۈلۈككە مۇناسىۋەتلىك مەنپەئەت، مەسئۇلىيەت، ئىناۋەت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

4. سودا سۇغۇرتىسىنىڭ تىجارىتىدە پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىغا ئېرىشىشنى، شۇنداقلا، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئىقتىسادىي كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.