ئۆسۈم قارارى تەسىرىدە دوللار بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى

rabigul 2018-05-03 16:31:39

\

5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، دوللارنى بىر قاتار ئاساسلىق پۇللارغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلىدى، ئەمما ئالتۇن، كۈمۈش باھاسى ئۆرلىدى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى چارشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى، يىغىندىن كېيىنكى باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا پۇل پاخاللىقى نىسبىتى 2% لىك نىشانغا يېقىنلىشدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. تەھلىلچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ بىر قىسىم كىشىلەر پەرەز قىلغاندەك ئۇنداق ئۆسۈم قوشمىدى، بۇنىڭ بىلەن دوللار بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى.

مىتسۇبىشى بىرلەشمە بانكىسى (MUFG) نىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق دۇنيا بازىرى شەرقىي ئاسىيا مەسئۇلى Cliff Tan مۇنداق دېدى، پۇل سىياسىتى باياناتىدا " سىممېتىرىكلىكى " دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ 2% لىك نىشانىنى ساقلاش سەۋىيىسىگە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئاۋسترالىيە مىللىي بانكىسى(NAB) تاشقى پېرېۋوت تاكتىكا مەسئۇلى Ray Attrill مۇنداق دېدى، " قارىغاندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ بۇ يىل يەنە ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشۇش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرمىدى، بەلكى ئىككى قېتىم ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى، بۇنىڭ بىلەن دوللارنىڭ قىزغىنلىقى سەل تۆۋەنلىدى."

باركلاي كاپىتالى(Barclays Capital) نىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك تاشقى پېرېۋوت تاكتىكچىسى Kadota مۇنداق دېدى، " بىز بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دوللارنى تۆكمە قىلىپ سېتىش دولقۇنى ئاجىزلىغانلىقىنى كۆردۇق. ئەگەر ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىدا ئىش ھەققىنىڭ ئۆرلىگەنلىكى كۆرسىتىلسە، بۇ دوللارنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدۇ."
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.