ئامېرىكا غەيرىي يېزائىگىلىك دوكلاتى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى مۆلچەر

parida 2018-05-03 16:54:59

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بۇ ھەپتىدىكى ئىككى چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا غەيرىي يېزائىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ئەتە كەچتە ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇمات توغرىسىدا ھەرقايسى بانكىلار ئوخشاش بولمىغان تەھلىللەرنى يۈرگۈزدى.
غەربىي تىنچ ئوكيان بانكىسى 4-ئايلىق غەيرىي يېزائىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانىنىڭ 180 مىڭ بولىدىغانلىقى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ %4.0 بولىدىغانلىقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ناھايىتى كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ئاۋستىرالىيە فېدېراتسىيە بانكىسى ئامېرىكىنىڭ 4-ئايلىق غەيرىي يېزائىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانىنىڭ 200 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. Forexlive نىڭ تەھلىلچىسى Justin Low مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىملىق غەيرىي يېزائىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىدىكى مۇھىم نۇقتا يەنىلا ئىش ھەققى سانلىق مەلۇماتىدىن ئىبارەت، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى باياناتىدا پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنى ئۆزگەرتكەن ھالەتتىمۇ، ئىش ھەققى سانلىق مەلۇماتى يەنىلا ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە مۇھىم ئۇچۇرلارنى يەنى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئامىللار ھەمدە بۇ ئامىللارنىڭ دائىملىق ياكى ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دوللارنى سېتىۋىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلىشىش سانىمۇ دوللارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.