بۈگۈنكى خەلقئارالىق قىسقا ئۇچۇرلار

parida 2017-09-20 16:23:15

\

جۇڭگو يەرتەۋرەشنى كۈزىتىش ئىستانسىسى: مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە 195 ئادەم قازا قىلدى؛ يەر تەۋرەش تۈپەيلىدىن يانار تاغ پارتىلاپ، ئەتراپتىكى رايونلار مۇداپىئە ھالىتىگە كىردى؛
ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىس ياردەمچىسى: يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كېڭىيىش يۈزلىنىشى بىر مەزگىل داۋاملىشىشى مۇمكىن؛
ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىس ياردەمچىسى: دۇنيا بويىچە ئىش ھەققى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى، پۇل پاخاللىقى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئاندىن ئېشىشى مۇمكىن؛
ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىس ياردەمچىسى: ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيىتى يەنىمۇ كۈچەيمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋرۇ رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي خەۋپ-خەتىرى تۆۋەنلىدى؛
مېكسىكا نېفىت شىركىتى: بارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونلىرىدىكى بېنزىن بىلەن تەمىنلەش نۇقتىلىرى يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى؛
كورىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەنگە جەزمەن جازا يۈرگۈزۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى؛
شۋىتسىيە مالىيە مىنىستېرى: ئامېرىكا سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى كەلگۈسىدىكى ئىككى چوڭ خىيىم-خەتەر ھېسابلىنىدۇ؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.