2017-يىلى كۆممىقۇناقنىڭ باھاسى يەنىلا كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە ئۆسىدۇ

gulbostan 2017-05-24 16:07:37

\

كۆممىقوناق بازىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، 2017-يىلى تۈۋى شەكىللەنگەندىن كېيىن، بازار تەدرىجىي ئۆرلەش دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ.بۇ ئاساسلىقى كۆلىمى توختاپ، ئېھتىياجنىڭ يىلدىن-يىلغا ئېشىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھەر يىلى كېڭەيتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىستىمال يوچۇقى ئىسكىلاتتىكى كۆممىقوناق مىقدارىنى خورىتىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە،ئىسكىلات\ئىستىمال نىسبىتى %30 دىن تۆۋەنلەيدۇ؛ بۇنداق بولغاندا،كۆممىقوناقنىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيىنى يارىتىدۇ. بۇيىل ۋە كېلەر يىلنىڭ بېشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،بىر پۈتۈن تۈۋىنى بەرپا قىلىش قارىشى ئۆزگەرمەيدۇ. تارىخي قانۇنىيەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بازار 6-ئايدا يەنە تەڭشىلىدۇ، تۆۋەن نۇقتىسى دائىم 9-ئايدىكى (ئورما) مەزگىلىدە كۆرۈلىدۇ. ئاندىن سېتىۋىلىشنىڭ جانلىنىش مەزگىلى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىستىمال يوچۇقى باھانىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە ئۆرلەش ۋاقتى كېلەر يىلى 2-،3-ئايلارغىچە داۋام قىلىدۇ.

پەرەزنىڭ كونكرېت قانۇنىيىتى تۆۋەندىكىچە:

(1) 5-4 ئايلار شىمالىي يېرىم شارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىم مەزگىلى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىستىمال سۇس پەسىلدىن ئىستىمال جانلىنىش پەسلىگە ئۆتۈش جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بازاردا تەڭشەش، تەۋرىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. نۆۋەتتە، بازار تەمىنلەشتە ئاساسلىقى دۆلەت زاپسى كۆممىقوناق كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا تايىنىدىغان بولۇپ، نەق مال نىسبەتەن مۇقىم.

(2) 8-6-ئايلار كۆممىقوناقنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى بولۇپ، ئارىلىقتا، چىكاگو زاكاز مال بىرژىسىدىكى كۆممىقوناق ئاسانلا ھاۋا كىلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ پرېمىئۇم ئۆرلەش باھاسى كېلىپ چىقىدۇ. دۆلەت ئىچىدە كۈزگى بۇغداي 6-ئايلاردا بازارغا كىرىدۇ، ھەمدە ئاسانلا ئىككىنچى چوققا قىممىتىنى يارىتىدۇ. ئاندىن دۆلەت زاپسى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ۋە بۇغداينىڭ بازارغا كىرىشىنىڭ بېسىمى بىلەن كۆممىقوناقنىڭ باھاسىنى تەڭشەشكە نىسبەتەن ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ. 8-ئايغا بارغاندا،كۆممىقوناق پىشىش باسقۇچىغا كىرىدۇ، شۇڭا تەڭشەش دائىم دىگۈدەك 9-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.

(3) 9-ئاي ئورۇش پەسلى بولۇپ، بۇ ناھايىتى ھالقىلىق بىر مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، پايدىسىز بېسىم كۈچى ئەڭ چوڭ بولۇپ، باھا ئاسانلا تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالىدۇ. كەلگۈسى ئەھۋالىدىن كۈزەتكەندە، يېڭى يىلدا ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان بولغاچقا، ئىسكىلاتتىكى مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ. بۇ چاغدا،كۆممىقوناق ئەڭ ياخشى سېتىش باسقۇچىغا كىرىدۇ، قىش پەسلىدىكى ئېھتىياجنىڭ جانلىنىش مەزگىلى ۋە چاغاندىن بۇرۇنقى زاپاز مال تۈرتكىسىدە، باھانىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كېلەر يىلى 3-2-ئايلارغىچە داۋاملىشىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.