ھىندىستاننىڭ 12-ئايلىق ماي تىرىپى ئىكىسپورت مىقدارى ئاشتى

gulbostan 2017-01-12 15:17:15

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ھىندىستان نېفىت ئايرىش جەمىيىتىنىڭ بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى 12-ئايدا ھىندىستاننىڭ ماي تىرىپى ئىكىسپورتى چوڭ دائىرىدە ئۆرلىگەن، ئاساسلىق سەۋەبى فىرانسىيەنىڭ غەيرىي گىنى ئۆزگەرتىلگەن سېرىق پۇرچاق تىرىپىغا بولغان ئىھتىياجى كۈچەيگەن.
2016-يىلى 12-ئايدا ھىندىستاننىڭ ماي تىرىپى ئىكىسپورت مىقدارى 194 مىڭ 309 توننا بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 84 مىڭ 218 توننىدىن %130 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە فىرانسىيەگە بولغان ئىكىسپورتى 106 مىڭ 708 توننا بولغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش يىلدىكى 1956 توننىدىن خېلىلا يۇقىرى.
12-ئايدا ھىندىستاننىڭ ياپۇنىيەگە قىلغان ماي تىرىپى ئىكىسپورت مىقدارىمۇ 54 مىڭ 833 توننىغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 6500 توننىدىن يۇقىرى بولغان.
بىراق ھىندىستاننىڭ 2016-يىلى 4-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ماي تىرىپى ئىكىسپورت مىقدارى بۇلتۇقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 چۈشۈپ، 856 مىڭ 789 توننا بولۇپ، 2015-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى 987 مىڭ 842 توننىدىن تۆۋەن بولغان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.