ئاخبارات ئېلان قىلش يىغىنى تەسىىرىدە ئالتۇن باھاسى يەتتە ھەپتىلىك يۇقىرى نۇقتىنى ساقلاپ قالدى

hasiyat 2017-01-12 15:31:39

\

FX168 مالىيە-ئىقىساد تورى خەۋىرى،ئىلكان تورى تەرجىمىىسى ،پەيشەنبە (12-يانىۋار) كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ،ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە ئۆرلەپ،يەتتە ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا مۇقىملاشتى،چارشەنبە كۈنى تېرامپ تۇنجى قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ،كەلگۈسىدىكى پۇل سىياسىتى توغرسىدا ھىچقانداق پىكىر بايان قىلمىدى ،بۇنىڭ تەسىىرى بىلەن دوللار بېسىمغا ئۇچىراپ ئاجىزلاش ھالىتىگە ئۆتتى .
تەھلىلچىلەرنىڭ قارشىچە،تېرامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغاندىن كېينكى تۇنجى قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىن ۋاقتى مۆلچەر ۋاقتتىن ئۇزۇن بولغان ،لېكىن باج كەچۈرۈم قىلىش ۋە ئاساسي ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى چىقىم توغرسىدا پىكىر بايان قىلمىغان.
تېرامپ ھەل قىلغۇچ تاللاشتا باج كەچۈرۈم قىلىش ۋە ئاساسي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرسدا ئاكتىپ ۋەدە بەرگەن بۇلۇپ، بۇ ئامېرىكا پاي چېكى بىلەن دوللارغا تۈرتكە بولغان ،ئەمما بۇ ئەھۋال ئامېرىكا دۆلەت قەرزى خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كېلشىگە سەۋەپ بۇلۇپ، تۆكمە قىلىپ سېتىش ھادسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
ئامېرىكا فېدېراتسىيە(FED) رەئىسى يېلۈن پەيشەنبە كۈنى بىر مائارىپ خىزمەتچىسى بىلەن توردا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشنى پىلانلىغان بۇلۇپ، تاشقى ئەللەر بۇ يىغىن ئارقىلىق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان پۇل سىياىستى ئۇچۇرلىرىنى پەرەز قىلالايدىكەن.
ئۇنڭدىن باشقا ، بىر نەچچە فېدېراتسىيە ئەمەلدارلىرىمۇ بىر قاتار مەسىللەر ئۈستىدە بايانات ئېلان قىلدىكەن.
ئەنگىليە مەركىزى بانكا باشلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە ، ئەگەر پۇل - مۇئامىلە ساھەسىنىڭ ھالقىلىق قىسىمى ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپادىن چېكىنىشى سەۋەبىدىن چىقىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئەنگىليەنىڭ غايەت زور پۇل - مۇئامىلە ساھەسىمۇ زەئىپلەشتۈرۈلۋىتىشى مۇمكىن .


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.