مۇقىم پايدا تۈرىدىكى ھاۋالە مەھسۇلاتى دېگەن نېمە ؟

rabigul 2015-11-14 12:44:01

\

مۇقىم پايدا تۈرىدىكى ھاۋالە مەھسۇلاتى بولسا ھاۋالە شىركىتى تارقاتقان ھاۋالىنى كۆرسىتىدۇ، پايدا نىسبىتى ۋە قەرەلى مۇقىم بولغان ھاۋالە مەھسۇلاتى. مەبلەغ يۈرۈشتۈرگۈچى تەرەپ ھاۋالە شىركىتى مەبلەغ سالغۇچىلارغا توپلىغان مەبلەغ ئارقىلىق، ھەمدە پاي ھوقۇقى مۈلكى ئارقىلىق ھاۋالە شىركىتى، شۇنىڭدەك ئۈچىنچى تەرەپ قاتارلىقلار كېپىل بولدىغان تەدبىر، قەرەلى توشقاندا دىرى ۋە پايدىسىنى قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ھاۋالە قىلغۇچى: ھاۋالە فۇندقا مەبلەغ سالغۇچى.

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى: ئادەتتە ھاۋالە فوند تارقىتىدىغان ھاۋالە شىركىتى تاللىنىدۇ.

مەنپەئەتدار: دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ھاۋالە مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆز مەنپەئەت ھاۋالىسى بولغاچقا ، مەبلەغ سالغۇچى ئۆزى مەنپەئەتدار بولسا بولىدۇ.

كېپىل بولغۇچى: ئەگەر ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە مەبلىغىنىڭ مەلۇم بىر تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋاقىتتا، 3-تەرەپ بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىشتىن ئېرىشكەن پايدىغا كېپىل بولۇش كېرەك، بۇ ئۈچىنچى تەرەپ شۇ كېپىل بولغۇچى. ئادەتتىكىدەك قىلىپ ئېيتقاندا، كېپىل بولغۇچى شىركەت كارخانىلار بولسىمۇ ياكى ئادەم بولسىمۇ بولىدۇ، بۇ تۈرنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئانا شىركەت، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى، ھەم مەخسۇس ئۈچىنچى تەرەپ كېپىللىك ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلار بولسىمۇ بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.