LWR ۋېليامىس كۆرسەتكۈچى

zumrat 2015-11-14 12:15:16

\


LWR ۋېليامىس كۆرسەتكۈچى KD كۆرسەتكۈچىنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپ، ئۇ LWR 1 ۋە LWR 2 دىن ئىبارەت ئىككى كۆرسىتىش سىزىقىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ ئىككى كۆرسىتىش سىزىقىنىڭ قىممىتىنى ھېسابلاش فورمىلاسى مۇنداق:
K = LWR 1 سىزىقى - 100
D = LWR 2 سىزىقى - 100
بىرىنچى، LWR 2 سىزىقىنىڭ قىممىتى 30دىن كىچىك بولغاندا، ئۆسۈش مېلىنى قولدىن چىقىرىپ، چۈشۈشكە ئەگىشىشكە بولىدۇ. بۇ يەردىكى قىممەت قانچە كىچىك بولسا، توغرىلىق نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى چىقىدۇ.
ئىككىنچى، LWR 2 سىزىقىنىڭ قىممىتى 70 تىن چوڭ بولغاندا، چۈشۈش مېلىنى قولدىن قولدىن چىقىرىپ، ئۆرلەشكە ئەگىشىشكە بولىدۇ، بۇ يەردىكى قىممەتمۇ قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى.
ئۈچىنچى، LWR 1 سىزىقى يۇقىرى يۆنىلىشنى بويلاپ LWR 2 سىزىقىنى بۆسۈپ ئۆتسە چۈشۈشكە ئەگىشىشكە بولىدۇ، تۆۋەن يۆنىلىشنى بويلاپ كېسىپ ئۆتسە ئۆرلەشكە ئەگىشىشكە بولىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئىككى سىزىقنىڭ قىممىتى 70 تىن يۇقىرى، 30 دىن تۆۋەن بولغاندا ئاندىن كۈچكە ئىگە.
تۆتىنچى، بۇ كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق مىقدارى ئاز، سودىسى جانسىز بازارغا ماس كەلمەيدۇ. ئەمما، قاينام تاشقىنلىققا تولغان جانلىق بازاردا توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.