2018-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2018-01-19 11:59:46

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارا ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە(1-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 1330 دوللارنىڭ يۇقىرسىدا تەۋرەندى؛ چارشەنبە(1-ئاينىڭ 18-كۈنى) بازار ئەندىشىسى تۇپەيلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دوللىرىنى بىر قاتار ئاساسلىق پۇللارغا ئالماشتۇرۇش باھاسى چۈشۈپ كەتتى؛ شۇ سەۋەبتىن ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ يۇقىرى باھا 1333دوللار ئەتراپىغا چىقتى، لېكىن ئارقىدىنلا دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ قايتا يۇقىرى ئۆرلىشى ھەمدە ئامېرىكا قەرز پايدا نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىشى تەسىرىدە، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ 1325 دوللار ئەتراپىدا بازار يېپىلدى. جۈمە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋاقىتلىق چىقىم قانۇن لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى؛
مەشغۇلات باسقۇچى

1.پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىركۈنلۈك تەۋرىنىش دائىرىسى 1324دوللار بىلەن 1333دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن ئاسىيا ياۋروپا سودا بازىرىدا تەھلىلدە 1330-1333دوللار ئارىلىقىدا چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، چۈشتىن كېيىنكى ياۋروپا سودا بازىرىدا 1330-1331دوللاردىن چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، بۇ ماللارنىڭ پايدىسىنى 1328دوللار ئەتراپىدا بىر قىسمىنى چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1333-1335دوللار ئەتراپىدا چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، ئەڭ يۇقىرى 1332دوللارغىچە پۇرسەت بەردى، ئەگەر بىر دولالر بالدۇر بازارغا كىرگەنلەر بولسا، ھەمدە كۈندىزى چۈشۈشكە ئالغان ماللارنى چىقارمىغانلار بولسا 1328دوللار ئەتراپىدىكى باھادا مالنى چىقىرىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق، 5دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن كۈندۈزى تەرەپتە سودا قىلغاندا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:

1337 1333

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.