كانىنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن فوندستېرلىڭ چۈشتى

rabigul 2018-04-20 12:47:24

\

ئەنگلىيە مەركىزى بانكا باشلىقى كانى نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دىدى، يېقىنقى مەزگىلدە ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتنىڭ ياخشى يامانلىقى ئوخشىمايدۇ، ئۆسۈم قوشۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئۆرلىدى، بۇ بىر قاتار سۆزلەر بىلەن فونىستىرلىڭنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پىرۋوت نىسبىتى يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يىڭى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈشتى. ئىلگىرى ئانالىزچىلار مۇنداق بىلدۈرگەن، بازار ئاللىقاچان ئەنگلىيە بانكىسىنىڭ 5-ئايدا 80% ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقنى ھەزىم قىلىپ بولدى، ئەگەر ھەرقانداق سەلبىي ئامىل پەيدا بولسا، فوندستېرلىڭ ناھايىتى چوڭ بولغان بېسىمغا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قەرزىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشىنىڭ تەسىرىدە، دوللارنىڭ ھەرقايسى ئاساسلىق پۇللارغا بولغان پىرۋوت نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىدى.
يېقىندا ئامېرىكا ۋە باشقا رايونلارنىڭ ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات ئىپادىسدە ئوخشىماسلىق كۆرۈلدى، بۇنىڭ تەسىرىدە مەبلەغ سالغۇچىلاردا ئامېرىكىدىن باشقا رايونلارنىڭ ئىقتىسادى ئىستىقبالى بەلكىم كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن دەيدىغان ئوي شەكىللىنىپ قالغان، ھەمدە ئامېرىكا دوللىرى قاتارلىق مۈلۈكلەرنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى يۇقىرى ئۆرلەپ، دوللارغا كۈچلۈك تىرەش بولدى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 2018-يىلى ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى قېتىم ئۆسۈم قوشىشدىن ئۈمىد بار. ئامېرىكىنىڭ 2يىللىق قەرى پايدا نىسبىتى نۆۋەتتە ئاللىقاچان 2008-يىلى 9-ئايدىن بۇيانقى نىسبەتتە يەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.