تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بازىرىدا " چوڭ پارتىلاش" كۆرۈلۈشى مۇمكىن

rabigul 2018-04-20 12:49:44

\

4-ئاينىڭ 20-كۈنى چەتئەلدىكى داڭلىق مالىيە - ئىقتىساد تور بېكىتى CNBC ئەڭ يېڭى ماقالىسىدە مۇنداق دېدى، سودا ئۇرۇشى تەھدىتى ھەم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىشىدىكى بىشارەت، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن بىر ئۇزاق مۇددەت " ئۇيقۇ ھالىتى " دە تۇرىۋاتقان مۈلۈك تۈرى - تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋار − ساناقسىز پۇرسەت.

ئەمەلىيەتتە، يەرلىك سىياسەتنىڭ داۋالغۇشى ۋە بازارنىڭ تەۋرىنىشى پاي چېكى بازىرىغا تۆۋەنلەش بېسىمى ئېلىپ كەلگەن ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋار بازىرى بولسا يامان ئەمەس تاللاش. ئىقتىساد بەك تۆۋەن ۋە سودا ئومۇميۈزلۈك چۈشكۈن بولغان ئەھۋالدا، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋار بازىرىدا كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھاياتىي كۈچى بولمىغان.

لېكىن، قارشى ئېلىنىدىغان تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋار كۆرسەتكۈچى ئەمدىلا ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يۈزلىنىش داۋاملىشىشى مۇمكىن.

تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋار كۆرسەتكۈچى 2-ئاينىڭ بېشىدا تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۆرلەش كۆرۈلدى. دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تاۋار كۆرسەتكۈچىETF(PowerShares DB Commodity Index Tracking Fund) شۇنىڭدىن بۇيان تەخمىنەن 9% ئۆسۈپ بولدى، ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە بولسا % 16 ئەتراپىدا ئۆرلىگەن.

CRB تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋار كۆرسەتكۈچى (CRB Commodity Index) دىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆرلەش كۆرۈلدى، نۆۋەتتە 2014-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە تۇرىۋاتىدۇ.

سىتى گۇرۇھى ئانالىزچىسىTracy Liao مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئامېرىكىنىڭ روسىيەنى جازالاش تەسىرى بولسا " قىسقا مۇددەت ئىچىدە تەمىنلەش كەڭ كۆلەمدە ئۈزۈلۈپ قېلىش" نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئاليومىن باھاسىنى يۇقىرى ئۆرلىتىۋەتتى.

ئەلۋەتتە، ئادەتتە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار ساھەسى بولسا ئېنېرگىيە بولۇپ، باشقا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار باھاسى پەيشەنبە كۈنى ئاساسەن تەڭلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن خام نېفىت باھاسى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئۆرلەپ، 2018-يىلدىن ھازىرغىچە تەخمىنەن 15% كە يېقىن ئۆرلىدى.

تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋار ساھەسىدىن باشقا يەنە بىر قىزىق نۇقتا بولسا ئالتۇن. بۇ يىل ئالتۇن باھاسىدا يۇقىرى ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، بۈگۈنگە قەدەر 2.5% ئۆرلىدى؛ ئالتۇن پۇل پاخاللىقىنىڭ شامال يۆنىلىشىنى كۆرسەتكۈچى دەپ قارىلىدۇ.

تېخنىكا ھالىتىمۇ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مېي يىن مېي لىن (Bank of America Merrill Lynch) نىڭ تېخنىكا تاكتىكىچىسى Paul Ciana مۇنۇلارنى بىلدۈردى، نۇرغۇن رەسىملىك جەدۋەلدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن. تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋار كۆرسەتكۈچى، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋار بازىرى ئۇزاق مۇددەت ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

Ciana يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرگەن چاغدا، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىل بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇپ بولدى، بازار ئاز دېگەندە يەنە ئىككى، ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشۇشقا دىققەت قىلىۋاتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.