لى جىياچېڭ: بۇ يىللىق ئىقتىساد ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس

gulbostan 2017-01-06 16:14:45

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئۆتكەن يىللىق ئىقتىسادقا سۇس نەزەر بىلەن قارىغان كاتتا باي لى جىياچېڭنىڭ ئەڭ يېڭى قارىشىچە، بۇ يىللىق ئىقتىساد ئىستىقبالى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىكەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆتكەن يىلى دۇنيانىڭ سىياسىي مۇھىتى ئۆزگىرىشچان بولغان، پۇتۈن يەرشارى ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپادىن چىكىنىشى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشىشى ھەمدە ھەر قايسى دۆلەت پۇللىرىنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇ خىل بازار ئەندىزىسى ئاستىدا، بازارنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى مۆلچەرلەش قىيىن. لىكىن شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ گوروھىنىڭ ئىشەنچىسى بۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا يىتەرلىك ئىكەن. ئۇ يەنە: «ئەلۋەتتە، بۇ يىللىق ئىقتىسادنىڭ ياخشى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، لىكىن كۆڭۈلدىكىدەك بولسىمۇ ھىچ ۋەقەسى يوق» دېگەن.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىللىق ئقتىساد ئانچە ئوبىكتىپ بولماسلىقى مۇمكىن، سەۋەبى بولسا ئۆسۈم ئۆرلىگەن، سىياسىي مەسىلىلەر تېخىمۇ جىددىيلەشكەن.
خەلىق پۇلىنىڭ چوڭ دائىرىدە ئۆرلىشىگە قارىتا، لى جىياچېڭنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ ئىچكىرىدىكى مەبلىغىگە تەسىرى يوق ئىكەن، ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپادىن چىكىنىدىن كىيىنكى فونىستىرلىڭنىڭ چۈشىىشىگە نىسبەتەن، ئۇنىڭ گوروھىنىڭ شۇ يەردىكى كەسپى يەنىلا ئۆلچەمگە لايىق بولىۋېرىدىكەن، بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇ ئىنتايىن رازى ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.