بۈگۈنكى تېز خەۋەرلەر

parida 2017-06-22 18:49:02

\

قىرغاق خەلق پۇلى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 16:30 دا 6.8307 نۇقتىغا چۈشتى، ئالدىنقى بىر سودا كۈنىدىن 17 نۇقتا تۆۋەنلىدى.
ياۋرۇپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى: ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ بولدى.
ئامېرىكا Corpبانكىسى: مەبلەغ سالغۇچىلار ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشى كېرەك، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەندىن كېيىن ئەنگىلىيەنىڭ ئىقتىسادى مالمانچىلىق ئىچىدە قېلىشى مۇمكىن.
خۇيتۇڭ تورى: ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ قىسقا سىزىقى 0.3 دوللارغا يېقىن ئۆرلىدى، ھەر تۇڭنىڭ باھاسى 42.82 دوللار بولدى، بۈگۈنكى ئۆسۈش نىسبىتى %0.70 ئەتراپىدا بولدى.
خۇيتۇڭ تورى: «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ قىسمەن كارخانىلىرىنىڭ كىرىمى تۆۋەنلىگەن.
خۇيتۇڭ تورى: ئامېرىكا دوللىرى بىلەن كانادا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بۈگۈنكى يېڭى تۆۋەن نۇقتا 1.3302 غا چۈشتى، نۆۋەتتە پېرېۋوت باھاسى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى يۇقىرى تىرەك نۇقتا 1.3307غا يېقىنلاشتى.
خۇيتۇڭ تورى: لوندوندا نەق ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك بازاردا 1251.40 دوللارئۇنسىيە بولدى.
ئىنېرگىيە مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى: پۈتۈن يەرشارىدىكى نېفىت مەھسۇلاتىنىڭ 3-پەسىلدىكى تەمىنلەش مىقدارى كۈنىگە 400 مىڭ تۇڭ ئاشتى.
خۇيتۇڭ تورى: ئامېرىكا دوللىرى بىلەن كانادا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 1.33 نۇقتىلىق ئۆتكەلگە تۆۋەنلىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.