31-ئاۋغۇسىتىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-08-31 16:14:03

\


جۇڭ جىيۈەن تەتقىقات ئورنى:8-ئايدا، 100 شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى 16 مىڭ 910 يۈەن بولغان، ياخشىلانغان تۈرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئېشىش نىسبىتى 0.20 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.73 ئۆرلىگەن .
مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى:يېزىلاردىكى يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
جۇڭگو ئاخبارات تورىدا مۇنداق دېيىلگەن:2026-يىلى، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسى 512 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكەن، بۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي GDP سى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىنىڭ 13 ھەسسىسىدىن كۆپرەككە توغرا كېلىدىكەن.
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:

\

شاڭگۈەن خەۋەرلىرى:8-ئاينىڭ 30-كۈنى، شاڭخەيدە 1103 يۈرۈش نىمكەش ئۆي پۈتۈشۈلدى، بۇ، 8-ئايدىن بۇيانقى يەككە كۈندە 1000 دىن ئېشىشى ھېسابلىنىدۇ.
يېڭى زېلاندىيە:چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بوشاشتۇرۇپ، «ئالتۇن ۋىزا»بار باي مەبلەغ سالغۇچى كۆچمەنلەرنىڭ ئاز دېگەندە 5 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ھەشەمەتلىك داچا سېتىۋېلىشىغا يول قويىدۇ، بۇ ئاۋلاندنىڭ ئىقتىسادنى پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىكى تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

\

شاڭخەي ئاكسىيە بازىرى كۆرسەتكۈچى 3875.53 نۇقتا بولۇپ، 0.46 ئېشىپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1208 مىليارد 348 مىليون بولغان.شېنجېن ئاكسىيە سودا كۆرسەتكۈچى 128.95 نۇقتا بولۇپ 1.05 ئۆرلىگەن، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 541 مىليارد 613 مىليون يۈەنگە يەتكەن.ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2956.37 نۇقتىنى كۆرسىتىپ،% 2.29 ئۆرلىگەن، پۈتۈشۈش سوممىسى 732 مىليارد 725 مىليون يۈەن بولغان.
بېيجىڭ ئاكسىيە بازىرى:تەسىس قىلىنغان تۆت يىلدىن بۇيان، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت 274 كە يېتىپ، ئومۇمىي بازار قىممىتى 900 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.
ئاكسىيە ۋاقىت گېزىتىدە مۇنۇلار دېيىلگەن:8-ئاينىڭ 30-كۈنى بازار يېپىلغانغا قەدەر، جەمئىي 155 پاي چېكىنىڭ يىغىۋېلىنغان باھاسى ھەر پاي چېكىنىڭ 100 يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان
گۇيجوۋ ماۋتەي:پېيى كونترول قىلىنىدىغان پايچىك 8-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇنجى قېتىم 67 مىڭ 800 پايچېكى بار شىركەتنىڭ پاي چېكىنى كۆپەيتكەن بولۇپ، شىركەت ئومۇمىي پېيىنىڭ 0.00054 ىنى ئىگىلىگەن.كۆپەيتىلگەن سوممىسى 100 مىليون يۈەن بولىدۇ.
كىنو ئىدارىسى:2025-يىلى يازلىق تەتىللىك كىنو بېلەت كىرىمى 11 مىليارد 966 مىليون يۈەن، كىنو كۆرگەنلەر 321 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2.76 ۋە 12.75 ئاشقان، بۇ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنولارنىڭ بېلەت كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 76.21 بولغان.
دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى:تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا جەمئىي 943 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.7 ئاشقان، دۆلەت تۆمۈريولىدا جەمئىي توشۇلغان يۈك 702 مىليون توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىن 4.8 ئېشىپ، يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مىقدارىدا بىردەك تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

\

ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى% 0.10 ئۆرلەپ، 9196.34 نۇقتا؛گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.57 ئۆرلەپ ، 24037.33 نۇقتا ؛فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.05 ئۆرلەپ، 7707.90 نۇقتا بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.