27-ئاۋغۇسىتىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-08-27 16:38:41

\

يولۇچىلار بىرلەشمىسى: 2026-يىلى 7-ئايدا، ئاپتوموبىل بازىرىدا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغانلارنىڭ سانى1 مىليون 293 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 37.9 تۆۋەنلىگەن، ئالدىنقى ئايدىكىدىن% 40.4 تۆۋەنلىگەن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلنى پارچە سېتىۋالغانلارنىڭ سانى 332 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 6.3 تۆۋەنلىگەن، ئالدىنقى ئايدىكىدىن% 48.3 تۆۋەنلىگەن.

\

ماكرۇلۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
سىتاتىستىكا ئىدارىسى: 7-ئايدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى% 5.2 بولغان، ئالدىنقى ئاي بىلەن تەڭلەشتى. 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان، 25 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى% 20.8 ،% 4.1 بولدى.
مالىيە - ئىقتىساد تورى: ئىگىلىشىمىزچە، شەھەرلىك سودا سارايلىرىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئامانەت ئۆسۈم نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا% 5.5 كە يەتكەن، ئامېرىكا دوللىرى ئامانەت ئۆسۈم نىسبىتى% 5.35 لىك ئەڭ يۇقىرى يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىدىنمۇ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان.
مەركىزى تېلۋېزىيە ئىستانىسى خەۋىرى: يېقىندا توردا، نۇرغۇن دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ، تۆۋەن باھادا تارقىتىشنى توختىتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بېلەت يۈزىنى ۋە ئاۋىئاتسىيە خەت - چەك سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغانلىق خەۋىرى تارقالدى.
ئېكران يۈزى خەۋىرى: 8 - ئاينىڭ بېشىدا، يەر شارى بازىرىدىكى گۈرۈچنىڭ باھاسى قاتتىق داۋالغۇپ تۇرغان بولۇپ، 8 - ئاينىڭ 25- كۈنى، ۋىيېتنام گۈرۈچ ئېكسپورت باھاسى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن 15 دوللار ئۆسكەن بولۇپ، بۇ ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھا ھېسابلىندىكەن.
جۇڭ جىيۈەن تەتقىقات ئورنى : 2026-يىلى 7 - ئايدا ئۆي - زېمىن كارخانىسىنىڭ بانكىدىن باشقا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليارد 850 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 33.1 تۆۋەنلىگەن، ئالدىنقى ئايدىكىدىن% 27 تۆۋەنلىگەن.
شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3232.11 نۇقتىغا كېلىپ % 0.49 چۈشۈپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 293 مىليارد 333 مىليون يۈەنگە يەتكەن. شېنجىن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 11853.46 نۇقتىغا يېتىپ0.62% تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 511 مىليارد 449 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى2525.88 نۇقتىغا يېتىپ %0.48 چۈشۈپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 192 مىليارد 298 مىليون يۈەن بولغان.
جۇڭشىن ئاكسىيەسى: پاي كونترول قىلىدىغان بالا شىركەت خۇاشيا فوندى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ 2025-يىلى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 7 مىليارد 475 مىليون يۈەنگە يىتىپ، ساپ پايدىسى 2 مىليارد 163 مىليون يۈەن بولغان.
تاشقىي پېرۋوت جەھەتتە:

\

ئامېرىكا پاي چېكى:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى 0.43 ئۆرلەپ، 44650.64 نۇقتا؛ ناسىداك كۆرسەتكۈچى 0.09 ئۆرلەپ، 20630.66 نۇقتا؛ ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى 0.27 ئۆرلەپ، 6280.46 نۇقتا.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە: ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى 1.23 ئۆرلەپ، 8975.66 نۇقتا؛گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.38 تۆۋەنلەپ، 24456.81 نۇقتا، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.30ئۆرلەپ، 7902.25 نۇقتا بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.