3-ئاۋغۇستىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-08-03 16:08:53

\


دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى:يازلىق يولۇچى توشۇش 7-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغاندىن بۇيان، 8-ئاينىڭ 3-كۈنىگە قەدەر، جەمئىي توشۇلغان يولۇچى 460 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

\

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيەسى:يۇقىرى تېمپېراتۇرا قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورىنىڭ توك ئىشلىتىش يۈكىدە 3-قېتىم يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، ئىشلىتىش مىقىدارى1 مىليارد 222 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى.
خېنەن ئۆلكىلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۇنداق دېگەن:7-ئايدىن بۇيان پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 30.5 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ، ئادەتتىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا 3.2 سېلسىيە گىرادۇس ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بولۇپ، 64 يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ئىسسىق بولدى.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى:7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، ئۆلكە بويىچە كىكونيارېنىڭ يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 2892 سى يېڭىدىن دوكلات قىلىندى، ئېغىر كېسەل ۋە ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى دوكلات قىلىنمىدى
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:

\

شاڭخەي شەھىرى:لاۋجىڭئەن يۈيۈەن يولىدىكى بىر يۈرۈش گۈللۈكتىكى غەربچە ئۆي 8-ئاينىڭ 13-كۈنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش باھاسى 150 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.

شياڭگاڭ يەر رويخەتكە ئېلىش ئورنى:7-ئايدا، بىنا سودا-سېتىق كېلىشىمى 5974 پارچە بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى 2.8 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 21.2 ئاشتى؛سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 54 مىليارد 600 مىليون شياڭگاڭ پۇلى بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى 17.8 تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 28.0 ئاشقان.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

\

شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3583.31 نۇقتا بولۇپ، 0.66 ئاشقان، پۈتۈشۈش سوممىسى 639 مىليارد 776 مىليون بولغان.شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 11041.56 نۇقتا بولۇپ، 0.46 ئاشقان، پۈتۈشۈش سوممىسى 858 مىليارد 775 مىليون بولغان.ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2334.32 نۇقتا بولۇپ،% 0.5 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 437 مىليارد 700 مىليون بولغان.
گۇيجوۋ ماۋتەي:جەمئىي قايتۇرۇپ سېتىۋېلىنغان پاي 3 مىليون 451 مىڭ 700 بولۇپ، چىقىم سوممىسى 5 مىليارد 301 مىليون يۈەن بولغان.
شىزاڭ تيەنلۇ:جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇش گۇرۇھى پاي چېكىنى سېتىپ پۈتۈشۈش سوممىسى جەمئىي 184 مىليون يۈەن بولۇپ، سېلىنمىنىڭ ساپ پايدىسىنى تەخمىنەن 45 مىليون 750 مىڭ يۈەن ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىغا سىڭىشىش نىسبىتى 44.3 كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 1.34 ئۆرلەپ، 44173.64 نۇقتا؛ناسىداك كۆرسەتكۈچى 1.95 ئۆرلەپ، 21053.58 نۇقتا؛ئۆلچەملىك پۇر 500 كۆرسەتكۈچى 1.47 ئۆسۈپ، 6329.94 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى % 0.66 ئۆرلەپ، 9128.30نۇقتا؛گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى %1.42 ئۆرلەپ، 23757.69 نۇقتا ؛فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 1.14 ئۆرلەپ، 7632.01 نۇقتا بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.