30-ئىيۇلدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-07-30 15:49:55

\


خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى:بۇ يىل 1-، 2-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئۆيلىنىشكە تىزىملاتقانلار 3 مىليون 430 مىڭ جۈپ، ئاجرىشىشقا تىزىملاتقانلار 1 مىليون 274 مىڭ جۈپ بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۆيلىنىشكە تىزىملىتىش سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 498 مىڭ جۈپ ئازىيىپ، بۇ يىلقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە يارىتىلدى.
جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:2026-يىلى 1-2-پەسىللىك مەملىكەت بويىچە ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى باشتىن-ئاخىر گۈللىنىش دائىرىسىدە، ئوتتۇرىچە قىممىتى 109.95 بولۇپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەگە يېقىنلاشتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2024-يىلى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى ساياھىتى 6 مىليارد ئادەم قېتىمدىن، دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 6 تىرىليون يۈەندىن، چېگرادىن كىرىش-چىقىش ساياھىتى 264 مىليون ئادەم قېتىمدىن، خەلقئارا ساياھەت كىرىمى 107 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن.

\

ماكرولۇق ئىتقساد جەھەتتە:
جوڭ جىيۈەن: يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 16 مىڭ 220 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.10 ئېشىپ، كۆلىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.05 پىرسەنت پوئېنت كېڭەيگەن؛ ھەمدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 0.27 ئاشقان.

\

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
شاڭخەي كىنوچىلىقى:2023-يىلى شىركەت قارىمىقىدىكى بىرلەشمە كىنوخانا جەمئىي 4 مىليارد 483 مىليون يۈەنلىك بېلەت كىرىمىنى يارىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 105.90 ئېشىپ، 2021-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 23.69 ئاشقان.
شاڭخەي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى:يېڭى يىل مەزگىلىدە، شاڭخەي شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 7 مىليون 181 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16.27 ئاشقان؛
كورېيە:2026-يىلى 7-ئايدا ئېكسپورت بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.1 ئېشىپ، مۆلچەر 6.6 بولغان؛ ئىمپورت بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.8 تۆۋەنلىگەن، مۆلچەر 11.4 بولغان.
خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى:7-ئايدا مەملىكەت بويىچە خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە توشۇلغان يولۇچى 1 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئېشىش نىسبىتى 9.1 ئېشىپ، مۆلچەردىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى 15 مىڭ 579 غا يەتكەن.
جۇڭگو فوندى گېزىتى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كەسىپداشلار ئامانەت پۇل تالونى كۆرسەتكۈچى فوندى يەنە مەبلەغنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
خەيتۇڭ ئاكسىيەسى:نۇرغۇن نۆۋەتچى پاراخوت شىركەتلىرىنىڭ كونتېينېر پاراخوتى قىزىل دېڭىز رايونىدىن ئۆتىدىغان ھاۋا يولىدا پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى.

\

تاشقىي پېرۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە: داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.74 چۈشۈپ، 44130.98 نۇقتا،ناسىداك كۆرسەتكۈچى 0.03 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، 21122.45 نۇقتا؛ئۆلچەملىك پۇر 500كۆرسەتكۈچى 0.37 چۈشۈپ، 6339.39 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى چۈشۈپ، 9132.81 نۇقتا؛گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.81 تۆۋەنلەپ، 24065.47 نۇقتا ؛فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 1.14 تۆۋەنلەپ، 7771.97 نۇقتا بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.