8-ئىيۇلدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-07-08 16:23:01

\


جۇڭگو ئاكسىيە تورى:بازاردىكى كىرېمنىيلىق ماتېرىياللارنى يىغىپ ساقلاشقا ئالاقىدار يېقىندا ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرگە قارىتا، تۇڭۋېي پاي چەكلىك شىركىتى نۆۋەتتە تېخىمۇ ئېنىق خەۋەرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

\

پايدىلىنىش خەۋەرلىرى:ياپونىيە نايروبى مەھكىمىسى ئېلان قىلغان 5-ئايدىكى گۈللىنىش يۈزلىنىشى كۆرسەتكۈچى ئاساسىدا چىقىرىلغان گۈللىنىش ئاساسىي رىتىمىنى باھالاشتا 2020-يىلى 7-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم «ناچارلىشىش»كۆرۈلدى.
كورېيە مەركىزىي بانكىسى:تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىش ۋە باشقا شەكىلدىكى ئىستېمال تۆۋەنلىگەچكە، كورېيە ئائىلىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوشۇقچە مەبلەغ 1-پەسىلدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

\

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە؛
جۇڭفاڭ گېزىتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:بەزى جايلارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، خوجىلىق ھەققى ئائىلىلەردىكى ئاز بولمىغان چىقىمغا ئايلاندى.بىراق، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ گۇڭجىجىننى تاپشۇرغۇچىلار تۇرالغۇ گۇڭجىجىندىن گۇڭجىجىننى ئېلىپ خوجىلىق ھەققى تۆلەشكە ئىشلەتسە بولىدىغان بولدى.

\

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە :
شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3497.48 نۇقتا بولۇپ،% 0.7 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 567 مىليارد 507 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10588.39 نۇقتا بولۇپ، 1.47 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 886 مىليارد 443 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2181.08 نۇقتا بولۇپ، 2.39 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 436 مىليارد 544 مىليون بولغان.
داجىن ئېغىر سانائىتى:مۆلچەرلىنىشىچە، يېرىم يىللىق ساپ پايدىسى 510 مىليون يۈەندىن 570 مىليون يۈەنگىچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 193.32 تىن% 227.83 ئاشقان.نەتىجىلەرنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى يەر شارىۋىلىشىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشدىن بولدى.
خەيشىن ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى:شىركەتنىڭ پېيىنى كونترول قىلىدىغان پايچىكلار بىردەك ھەرىكەتكە كەلگەن بولۇپ، خەيشىن خەۋەرلىشىش شىركىتى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى شىركەتنىڭ 4 مىليون 793 مىڭ پېيىنى كۆپەيتكەن بولۇپ، ئومۇمىي پاينىڭ 0.35 ىنى ئىگىلىگەن.
تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

\

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.37 تۆۋەنلەپ، 44240.76 نۇقتا؛ ناسىداك كۆرسەتكۈچى 0.03 ئۆرلەپ، 20418.46 نۇقتا ؛ئۆلچەملىك پۇر 500 كۆرسەتكۈچى 0.07 چۈشۈپ، 6225.52 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى 0.54 ئۆرلەپ، 8854.18 نۇقتا؛گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.55 ئۆرلەپ، 24206.91 نۇقتا ؛فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.56 ئۆرلەپ، 7766.71 نۇقتا بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.