7-ئىيۇلدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-07-07 15:53:56

\


مەركىزىي بانكا مۇنداق دېگەن:6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپاس كۆلىمى 3 تىرىليون 317 مىليارد 400 مىليون دوللار بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى 0.98 ئاشقان.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيەسى:ئۆزەك توكداننىڭ يادرولۇق دىتالى بولۇپ، تەننەرخى توكدان تەننەرخىنىڭ% 50 ىدىن% 60 ىگىچە، ھەتتا ئۇنىڭىدىنمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

\

شاڭخەي تاموژنىسى:ئالدىنقى بەش ئايدا، شاڭخەي پورتىدىن ئېكسپورت قىلىنغان ئويۇنچۇق ماللارنىڭ قىممىتى 8 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.2 ئاشقان.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پاۋپامات قاتارلىق جۇڭگونىڭ مودا ئېقىم ئويۇنچۇق سۈپەتلىك ماركىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا تونۇلدى، داڭ چىقارغان بازار ئېھتىياجىمۇ تەقلىد قىلىش، ساختىلىق قىلىش قالايمىقانچىلىقىنى پەيدا قىلدى .
پېڭپەي خەۋەرلىرىدە مۇنداق دېگەن:ياۋروپا ئىتتىپاقى 7-ئايدا جۇڭگو بىلەن كىلىمات ھەرىكىتى قوشما باياناتى ئىمزالاش پىلانىنى كېچىكتۈردى.
ياۋرو رايونى:5-ئايدا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.8 ئېشىپ، مۆلچەر قىممەت 1.2 بولغان؛ ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندا 0.7 تۆۋەنلەپ، مۆلچەر قىممەت 0.7 بولغان.
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:

\

كې ئېرۈي :نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن 30 شەھەرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش كۆلىمى جەمئىي 2024-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن، ھالبۇكى ئومۇمىي باھاسى 10 مىليوندىن ئاشىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ پۈتۈشۈش كۆلىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 18.76 ئاشقان.
خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى: شەھەر رايونىدىكى سۇپا شىركەت رايون ھالقىپ «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش»نى تەتقىق قىلىپ قانات يايدۇرۈشقا تۈرتكە بولدى.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

\

شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3473.13 نۇقتا بولۇپ 0.02 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 476 مىليارد 197 مىليون بولغان.شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10435.51 نۇقتا بولۇپ، 0.7 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 732 مىليارد 453 مىليون بولغان.ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2130.19 نۇقتا بولۇپ، 1.21 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 346 مىليارد 511 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
يىڭليەن پاي چېكى:مۆلچەرلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىللىق تىجارەت كىرىمى 1 مىليارد 70 مىليون يۈەندىن 1 مىليارد 130 مىليون يۈەنگىچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 9.85 تىن 16.01 ئاشىدىكەن؛ساپ پايدىسى 23 مىليون يۈەندىن 28 مىليون يۈەنگىچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 360.57-% 460.70 ئاشقان.
تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە :

\

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.94 تۆۋەنلەپ، 44406.36 نۇقتا ؛ناسىداك كۆرسەتكۈچى% 0.92 تۆۋەنلەپ، 20412.52 نۇقتا؛ئۆلچەملىك پۇ 500 باھاسى% 0.79 تۆۋەنلەپ، 6229.98 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى % 0.19 چۈشۈپ، 8806.53 نۇقتا؛گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 1.20 ئۆرلەپ، 24073.67 نۇقتا ؛فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.35 ئۆرلەپ، 7723.47 نۇقتا بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.