6-ئىيۇلدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-07-06 15:30:22

\


جوڭ جىيۈەن تەتقىقات ئورنى :ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 170 ئۆلكە، شەھەر ( ناھىيە ) ئېلان قىلغان ئۆي-مۈلۈك بازىرى سىياسىتى 340 تىن ئاشتى، كۆپ تۈرلۈك سىياسەتنىڭ جانلاندۇرۇلۇشى بىلەن، يادرولۇق شەھەر بازارلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلىدى؛نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجى داۋاملىق قويۇپ بېرىلدى، ئېچىش سودىگەرلىرى ۋەزىيەتكە قاراپ يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭى ئۆي مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 100 شەھەردە يېڭى ئۆي باھاسىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك 1.16 ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

\

ماكرولۇق ئىقتساد جەھەتتە:

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:بىرازىلىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش 2-باسقۇچلۇق ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى، ئەقلىي ئىدراك تېخنىكىسى ھەمكارلىقى قاتارلىق ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە، تېببىي دورا، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى.
مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېگەن:ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىمپورت قىلىنغان بىر قىسىم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە ئالاقىدار تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلدى.
شېنجېن چېگرا تەكشۈرۈش باش پونكىتى:ئالدىنقى يېرىم يىلدا شېنجېندىكى ھەرقايسى پورتلاردىن كىرىپ چىققان خادىملار 130 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16.2 ئاشتى.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە :

\

شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى% 0.32 ئۆرلەپ، 3472.32 نۇقتا؛شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچىلىرى% 0.25 تۆۋەنلەپ، 10508.76 نۇقتا، ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى% 0.36 چۈشۈپ، 2156.23 نۇقتا بولغان،
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى چېن ماۋبو مۇنداق دېگەن:شياڭگاڭ پاي چېكى بۇلتۇر جەمئىي 18 ئۆرلەپ،2026-يىلى ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا توپلانغان مەبلەغ سوممىسى 107 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلدىكىدىن تەخمىنەن 22 ئېشىپ، ۋاقتىنچە يەرشارى بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى .
خەلق گېزىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:يېقىندا، جۇڭگو، بىرما، تايلاند تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش بويىچە 2-قېتىملىق مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاچتى
قاتناش ـ تىرانسپورت مىنىستىرلىقى:ئالدىنقى بەش ئايدا، دۆلىتىمىز ئىچكى دەرياسىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 2 مىليارد توننىدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 4 كە يېقىن ئاشقان.دۆلىتىمىز، شىجياڭ، بېيجىڭ-خاڭجوۋ قانىلىغا ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، مۆلچەرلىنىشىچە، يىل ئاخىرىغا بارغاندا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يېڭىدىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدىغان سۇ يولى مۇساپىسى 900 كىلومېتىر بولىدىكەن.
شىركەت خەۋەرلىرى:

\

مېيتۈەن:7-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 22 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، مېيتۇەننىڭ پارچە سېتىش كۈنىدىكى زاكاز تالونى 120 مىليون تالوندىن ئېشىپ.بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەك-ئىچمەك زاكاز تالونى 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتكن.
تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە :

\

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە: داۋجېنىس كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى% 0.77 بولۇپ، 44828.53 نۇقتا، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى 500 كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى 0.83 بولۇپ، 6279.35 نۇقتا ؛ناسداك ئۆرلەش نىسبىتى 1.02 بولۇپ، 20601.1 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە: گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى 0.61 تۆۋەنلەپ، 23787.45 نۇقتا، ھەپتىلىك 1.02 تۆۋەنلىدى؛فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى% 0.75 تۆۋەنلەپ، 7696.27 نۇقتا، ھەپتىلىك% 0.06 ئۆرلىدى؛ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى% 0 ئۆرلەپ، 8822.91 نۇقتا بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.