3-ئىيۇلدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-07-03 16:01:46

\

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى:يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىكى تۆۋەن باھالىق تەرتىپسىز رىقابەتنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، كارخانىلارنى مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تەرتىپلىك چېكىنىپ چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئىقتىساد گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى:يېقىندا، قۇرۇلۇش بانكىسى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سودا بانكىلار ھەمدە نۇرغۇن جايدىكى يېزا سودا بانكىلىرى بەس-بەستە بەش يىللىق قەرەللىك كۆپ سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونى مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالدى، ئۈچ يىللىق قەرەللىك كۆپ مىقدارلىق ئامانەت پۇل ھۆججىتىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارىمۇ بىرقەدەر ئاز بولدى.

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
گوۋۇيۈەن:ئەركىن سودا سىناق رايونىنى خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد-سودا قائىدىسىگە ئومۇميۈزلۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى، ئالغا سىلجىتىشنى يۇقىرى سەۋىيەدە تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىش
نى نۇقتىلىق سىناق قىلىش تەدبىرىنى كۆپەيتىش، كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى:ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھاراق-تاماكا ۋە شېكەرلىك ئىچىملىكلەردىن باج ئېلىپ باھانى ئۆستۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.2035-يىلىدىن بۇرۇن بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر، ئىككى تۈر ياكى بارلىق ئۈچ تۈرنىڭ ئەمەلىي باھاسى ئاز دېگەندە 50 ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە :

\

پېڭپەي خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:7-ئاينىڭ 3-كۈنى، چېڭدۇ جىننيۇ رايونىنىڭ غەربىي جەنۇب قاتناش چوڭ بۆلىكى يەنە بىر تۇرالغۇنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشنى كۈتۈۋېلىپ، سەككىز ئۆي-زېمىن كارخانىسىنى تالىشىشقا جەلپ قىلدى.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە :

\

پەيشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3461.15 نۇقتا بولۇپ، 0.18 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 500 مىليارد 212 مىليون بولغان.شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 1053 4.58 نۇقتا بولۇپ، 1.17ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 809 مىليارد 545 مىليون بولغان.ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2164.09 نۇقتا بولۇپ،% 1.90 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 382 مىليارد 6 مىليون بولغان.
ئاكسىيە ۋاقىت گېزىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پېيى بازارغا سېلىنغان يەتتە ئاكسىيە سودىگىرى پېيىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالدى، قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش سوممىسى جەمئىي 2 مىليارد 28 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1058.86 ئاشتى.
خۇالىڭ پولات-تۆمۈر شىركىتى:شىنتەي ئۆمۈر سۇغۇرتىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك بازار ئارقىلىق شىركەتكە ۋىۋىسكا كۆتۈردى.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.77 ئۆرلەپ، 44828.53 نۇقتا؛ناىسداك كۆرسەتكۈچى 1.02 ئۆرلەپ، 20601.10 نۇقتا،؛ئۆلچەملىك پۇر 500 كۆرسەتكۈچى % 0.83 ئۆسۈپ، 6279.35 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى 0.55 ئۆرلەپ، 8823.20 نۇقتا؛گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.61 ئۆرلەپ، 23934.13 نۇقتا ،فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.21 ئۆرلەپ، 7754.55 نۇقتىغا مەلۇم قىلدى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.