6-مايدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-05-06 12:33:51

\


21-ئەسىر ئىقتىساد خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:ھىندىستاننىڭ NIFTY 50 كۆرسەتكۈچى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 0.2 چۈشۈپ، 22082.65 نۇقتىغىچە تۆۋەنلەپ، ئۇدا 10-سودا كۈنى تۆۋەنلىگەن.
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

\

پېڭپەي خەۋەرلىرىدە مۇنداق دېگەن :4-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭ يىجۇاڭ يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
گۇاڭمىڭ تورىدا مۇنداق دېيىلگەن :جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا توققۇز يىل بىر خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىغان، دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان 1.5 ئىچىدە بولۇپ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولغان.
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:

\

جۇڭگو ئۆي-زېمىن گېزىتى:1-ئايدا بىرىنچى قول تۇرالغۇنى توردا ئىمزالاش كۆلىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقاندىن كېيىن، 2-ئايدا، گۇاڭجوۋ ئۆي-مۈلۈك بازىرى تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىملىشىشتەك ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان، گۇاڭجوۋدىكى بىرىنچى قول تۇرالغۇ 362 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىر، 3420 يۈرۈش بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 46، 59 ئاشقان.
خەينەن ئۆلكىسى:ساقلانما ئۆيلەرنى ساغلاملىق-كۈتۈنۈش كەسپىگە ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرغان
. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرى:2-ئايدا، ئالتە رايون، بىر ناھىيە ( چاڭشاشيەن ناھىيەسى ) دە 5000 يۈرۈش ئەتراپىدا نىمكەش ئۆي پۈتۈشكەن بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندا 1-ئايدىكىدىن 50 تىن كۆپرەك ئاشقان.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

\

چارشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3324.21 نۇقتا، 0.22 ئاشقان، پۈتۈشۈش سوممىسى 568 مىليارد 728 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10679.44 نۇقتا بولۇپ، 0.28 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 866 مىليارد 850 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2190.08 نۇقتا بولۇپ،% 0.29 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 427 مىليارد 876 مىليون يۈەنگە يەتتى.
بىيادى:شىركەت بىلەن تەقسىملەش-سېتىش ۋاكالەتچىسى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تەقسىملەش-سېتىش كېلىشىمى تۈزدى.
شەرق گۇرۇھى:2-ئاينىڭ 28-كۈنى، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، 4-ئاينىڭ 4-كۈنى پاي چېكى سودىسىدا ئۇدا ئۈچ سودا كۈنى ئىچىدە بازار يېپىلغان باھانىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى جەمئىي 20 تىن ئاشقان.






تاشقىي پېرۋت جەھەتتە:

\




ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 1.55 چۈشۈپ، 42520.99 نۇقتا، ناسىداك كۆرسەتكۈچى% 0.35 تۆۋەنلەپ، 18285.16 نۇقتا، ئۆلچەملىك پۇر500 كۆرسەتكۈچى 1.22 چۈشۈپ، 5778.15 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى 1.27 تۆۋەنلەپ، 8759.00 نۇقتا ؛ گېرمانىيە DAX 30 % 3.54 تۆۋەنلەپ، 22326.81 نۇقتا ؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 1.85 تۆۋەنلەپ، 8047.92 نۇقتا بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.