5-مايدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-05-05 12:46:17

\


جۇڭگو ئۆي- مۈلۈك خەۋەرلىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بىرىنچى پەسىلدە ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا، بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەرنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى كۈچلۈك، يادرولۇق ئىككىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ بۆلۈنۈشى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولدى.

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
شىنخۇا تورى خەۋىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، 2026-يىللىق جۇڭگو ئالاقە تورى كارخانىچىلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك، ۋاشىنگتون قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلىرىدە شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاپرېل ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
شىنخۇا تورى: يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى دېڭىز-ئوكيان ئىسسىق دولقۇنىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۈگۈنكى كۈندە يەر شارى دېڭىز-ئوكيان يۈزىدە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈن سانى 80 يىل ئىلگىرىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولغان.


ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:

\

كېرۈي: 3-ئايدا ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ مال بىلەن تەمىنلەش رىتىمى تېزلەشكەن، لېكىن كۆلىمى يەنىلا ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە يەتمىگەن.يەنى 100 تىپىك شەھەرنىڭ مال بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 13 مىليون 440 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%20.4 تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن%163.2 ئاشقان.
ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلۈك سۇپىسى زىللوۋ مۇنداق دېگەن:ئامېرىكىنىڭ ئۆي باھاسى ئۇداا نەچچە قېتىم تۆۋەنلىگەن بولۇپ 3-ئايدا يەنە كەلگۈسى بىر يىلدا ئامېرىكىنىڭ ئۆي باھاسى%0.8 ئۆسۈپ 4-ئايدا چۈشۈشكە يۈزلىنىپ %1.7 تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

\

شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى%0.11 چۈشۈپ3276.73 نۇقتا شېنجىن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى%0.23 ئۆسۈپ، 9781.65 نۇقتا، ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى%0.27 ئۆسۈپ 1913.97 نۇقتا بولغان.
«جۇڭگو سودا گېزىتى»: قەرز ئېلىپ ئالتۇن سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار تېمىلار توغرىسىدىكى مۇھاكىمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، يېقىندا، نۇرغۇن بانكىلار مەركەزلىك بايانات ئېلان قىلىپ، ئىناۋەتلىك كارتا مەبلىغىنى ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دېگەن.
ئېنېرگىيە ئىدارىسى: 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 3 مىليارد 430 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.6پىرسەنت ئاشقان.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد قانىلى: 1-پەسىلدە، يۈننەننىڭ قەھۋە ۋە قەھۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 310 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%122.1 ئاشقان.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە: داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى%1.33 چۈشۈپ، 39142.23 نۇقتا، ئۆلچەملىك پور500 كۆرسەتكۈچى%0.13 ئۆسۈپ، 5282.7 نۇقتا، ناسداك كۆرسەتكۈچى%0.13 چۈشۈپ، 16286.45 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە: گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى%0.49 چۈشۈپ، 21205.86 نۇقتا، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى%0.6 تۆۋەنلەپ، 7285.86 نۇقتا، ئەنگىلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى%0 ئۆرلەپ، 8275.66 نۇقتا بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.