28-ئاپېرىلدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-04-28 12:36:59

\


پايدىلىنىش خەۋەرلىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئايدا، ھىندىستاننىڭ رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلغان نېفىتى 2-ئايدىكىدىن 90 ئاشقان.
قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى:4-ئاينىڭ 5-كۈنى، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش مىقدارىنىڭ 267 مىليون 276 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتىنىڭ 11.0 تۆۋەنلىشى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.2 ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:4-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا 14 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش مۆلچەرلەندى. سۇ يولى يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ چوققا قىممەتكە يېتىپ، 1 مىليون 360 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.3 ئېشىشى مۆلچەرلەندى، شەھەر سەيلە ساياھىتى، ئارال ساياھىتى قاتارلىق سۇ ئۈستى ئىستىراھەت تۈرلىرىگە قاتنىشىدىغان يولۇچىلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ

\

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:1-پەسىلدە، شېنجېندىكى خىزمەت بىنالىرىنى ئىجارىگە بېرىش ئېھتىياجى ئەسلىگە كېلىشنى كۈتۈۋالدى، A دەرىجىلىك خىزمەت بىنالىرىنىڭ بوش قېلىش نىسبىتى ئۇدا ئىككى پەسىل تۆۋەنلىدى

\
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە

شاڭخەي ئاكسىيە بازىرى كۆرسەتكۈچى 1.00 چۈشۈپ، 3880.10 نۇقتا بولۇپ، ھەپتىدە 0.86 چۈشكەن، شېنجېن ئاكسىيە بازىرىنىڭ پۈتۈش كۆرسەتكۈچى 0.99 چۈشۈپ، 13352.90 نۇقتا بولۇپ، ھەپتىدە 2.96 چۈشكەن، ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 0.73 چۈشۈپ، 3149.60 نۇقتا بولۇپ، ھەپتىدە 4.44 چۈشكەن.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى چېن ماۋبو مۇنداق دېگەن:3-ئايدا، شياڭگاڭ پاي چېكىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە پۈتۈشۈش سوممىسى 300 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8 تىن كۆپرەك ئاشقان.
كۈنلۈك توردا مۇنداق دېيىلگەن:1-ئايدىن 2-ئايغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئېكسپورت سوممىسى 304 مىليارد 668 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 68.9 ئاشقان؛ ئىمپورت سوممىسى 550 مىليارد 268 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىن 36.8 ئاشقان.

بىرىنچى مالىيە-ئىقتىساد:توكلۇق ۋېلىسىپىتكە قارىتا «دۆلەت تولۇقلىما بېرىش»سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 1-پەسىلدە توكلۇق ۋېلىسىپىت دۇكانلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇنداق دېگەن:2025-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دېڭىزغا دەپنە قىلىنغانلار 50 مىڭدىن ئېشىپ، 2020-يىلىدىكى 20 مىڭغا سېلىشتۇرغاندا 170 كۆپەيگەن.
فۇشىكاڭ:3 ـ ئايدىكى تىجارەت كىرىمى 803 مىليارد 740 مىليون يېڭى تەيۋەن پۇلى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 45.6 ئېشىپ، 1 ـ پەسىلدىكى تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 29.7 ئاشقا

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە

\:


ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە: داۋجېنىس كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى 0.13 بولۇپ، 46504.67 نۇقتا بولغان، ھەپتىدە 0.87 ئۆرلىگەن، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى 0.11 بولۇپ، 6582.69 نۇقتا بولغان، ھەپتىدە 1.06 ئۆرلىگەن، ناسداك كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى 0.18 بولۇپ، 21879.18 نۇقتا بولغان، ھەپتىدە 1.08 ئۆرلىگەن.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە: گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى 0.56 تۆۋەنلەپ، 23168.08 نۇقتىغا يېتىپ، ھەپتىلىك ئۆرلەش نىسبىتى 0.53 بولغان، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى 0.24 تۆۋەنلەپ، 7962.39 نۇقتىغا يېتىپ، ھەپتىلىك ئۆرلەش نىسبىتى 0.59 بولغان، ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى 0.69 ئۆرلەپ، 10436.29 نۇقتىغا يېتىپ، ھەپتىلىك ئۆرلەش نىسبىتى 3.23 بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.