8-ئاپېرىلدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-04-08 12:39:15

\

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى: 3 - ئايدا ياۋرو رايونىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى% 8.6 بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى 12 - ئايدىكى 9.2% تىن سەل تۆۋەنلىگەن، لېكىن يەنىلا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى% 5.1 دىن خېلىلا يۇقىرى بولدى.

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
مەركىزىي بانكا قاتارلىق بەش تارماق : بانكا كەسپى، ئاكسىيە كەسپى، سۇغۇرتا كەسپىنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. كاپىتال تۈرى پېرۋوتىنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:

\

مالىيە-ئىقتىساد تورى 2-ئايدىن بۇيان، گۇاڭجۇ ئۆي بازىرىنىڭ ئېشىش سىگنالى بارغانسېرى روشەنلەشتى .
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شېنجېن شەھىرى: 2025-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە ئولتۇراقلىشىشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر تۈرى تىزىملىكى ئۆتۈنۈپ بېرىلدى. تىزىملىك ئىچىدە جەمئىي بەش پارچە، يەر كۆلىمى 105 مىڭ 800 كۋادرات مېتىر ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 474 مىڭ 800 كۋادرات مېتىر بولغان يەر بار.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

\

ئالدىنقى جۈمە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3287.48 نۇقتا بولۇپ% 0.11 تۆۋەنلىدى، پۈتۈشۈش سوممىسى 334 مىليارد 365 مىليون يۈەنگە يەتتى.شېنجىن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 11884.30 نۇقتىغا يېتىپ، 0.13% تۆۋەنلىدى، پۈتۈشۈش سوممىسى 472 مىليارد 884 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2457.48 نۇقتا بولۇپ، % 0.23 ئۆرلىدى، پۈتۈشۈش سوممىسى 171 مىليارد 930 مىليونغا يەتتى.
جۇڭگو ئاكسىيە گېزىتى: يېقىندا، نۇرغۇن بانكا پاي ھوقۇقىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ ئۆتۈنۈپ بەردى، لېكىن بىر قىسىم بانكىلارنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈرلىرىنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ كىچىكتۈردى.
جۇڭگو يورۇقلۇق ۋولت كەسپى جەمئىيىتى: 3 - ئايدا مەملىكەت بويىچە قۇياش ئېنېرگىيەلىك كۆپ كىرىستاللىق كرېمنىي مەھسۇلات مىقدارى ئالدىنقى ئايدىكىدىن% 1 ئېشىپ،ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 36.5 ئاشقان ؛
كورىيە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ساياھەت مىنىستىرلىقى مۇنداق دېگەن: يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن% 12.3 لىك سۈرئەت بىلەن مەدەنىيەت مەزمۇنى كەسپى ئېكسپورتىنى كۆپەيتىمىز،2027-يىلىغا بارغاندا 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.

\

شىركەت خەۋەرلىرى؛
ئەلى بابا: 2026-مالىيە يىلىنىڭ1-پەسىلىدە 247 مىليارد 760 مىليون يۈەن كىرىم قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدە 242 مىليارد 580 مىليون يۈەن بولغان.

\

تاشقىي پېرۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:دۈشەنبە كۈنى، داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 1.56 ئۆرلەپ، 40212.71 نۇقتا، ئۆلچەملىك پۇر 500 كۆرسەتكۈچى % 1.81 ئۆرلەپ، 5363.36 نۇقتا ناسداك كۆرسەتكۈچى% 2.06 ئۆرلەپ، 16724.46 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە :دۈشەنبە كۈنى، گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.92 تۆۋەنلەپ، 20374.1 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى% 0.3 تۆۋەنلەپ، 7104.8 نۇقتا ،ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى% 0.64 ئۆرلەپ، 7964.18 نۇقتا بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.