7-ئاپېرىلدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-04-07 12:36:07

\


ئىستاتىستىكا ئىدارىسى:3-ئايدا CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.1 تۆۋەنلەپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى 0.4 تۆۋەنلىگەن.
تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسى مۇنداق دېگەن:كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي تەرىپى ۋە تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك، تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش شارائىتى بار .

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
سودا مىنىستىرلىقى:4-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، 2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئېكسپورتنى باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.
ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جەمئىيىتى:1-پەسىلدە، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 89.5 بولۇپ، 2020-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، جەمئىيەت مۇلازىمىتى كەسپى، سانائەت، قاتناش-تىرانسپورت كەسپى ھەمدە ئۇچۇر يەتكۈزۈش يۇمشاق دېتال كەسپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى:ئەسلىدە بېكىتىلگەن 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا تاموژنا بېجىغا قارىتىلغان قارشى جازا تەدبىرىنى 90 كۈن ۋاقتىنچە توختىتىشقا قوشۇلدى؛
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

\

دۈشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3223.64 نۇقتا بولۇپ، 1.16 ئۆررلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 682 مىليارد 357 مىليون بولدى. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 9754.64 نۇقتا بولۇپ، 2.25 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 927 مىليارد 111 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 1900.53 نۇقتا بولۇپ،% 2.27 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 425 مىليارد 157 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
تايلاند:4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن پاي چېكى بازىرىنىڭ چەكلىمىسىنى بوشاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادنى قوزغىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىدۇق.
جۇڭشىن قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى:مۆلچەرلىنىشىچە، 1-پەسىلدە ساپ پايدىسى تەخمىنەن 1 مىليارد 843 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 50 ئەتراپىدا ئاشىدىكەن.
شاڭجىن سودا بازىرى مۇنداق دېگەن:يېقىنقى مەزگىلدە خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، كۆپ ئۆزگىرىشچان بولدى، قىممەتلىك مېتاللار باھاسىدا داۋالغۇش بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، بازارنىڭ خەۋپ-خەتىرى كۈچەيدى.
كىنو ئىدارىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قالايمىقان تاموژنا بېجى بېرىشتەك خاتا قىلمىشى مۇقەررەر ھالدا دۆلەت ئىچىدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئامېرىكا فىلىملىرىگە بولغان قىزىقىشىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 2.5 تۆۋەنلەپ، 39593.66 نۇقتا، ناسىداك كۆرسەتكۈچى 4.31 تۆۋەنلەپ، 16387.31 نۇقتا، ئۆلچەملىك پۇر500كۆرسەتكۈچى 3.46 تۆۋەنلەپ، 5268.05 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى% 3.04 ئۆرلەپ، 7913.15 نۇقتا؛ گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 4.53 ئۆرلەپ، 20562.73 نۇقتا، فىرانسىيە CAC 40كۆرسەتكۈچى % 3.83 ئۆرلەپ، 7126.02 نۇقتا بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.