3-ئاپېرىلدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-04-03 12:50:35

\

جۇڭ جىيۈەن تەتقىقات يۇرتى:ھازىرغا قەدەر، 4-ئايدا ئالتە نۇقتىلىق شەھەردە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان تۇرالغۇغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ ئومۇمىي باشلىنىش باھاسى 36 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
مۆلچەرلىنىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتە توقۇنۇش يەنىمۇ كەسكىنلەشمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە، 2026-يىلى يەر شارىۋى تاۋار سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2025-يىلىدىكى تەخمىنەن % 4.7 تىن ئاستىلاپ % 1.5-% 2.5 كە يېتىدىكەن.
شاڭخەي ئاكسىيە بازىرى گېزىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:3-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇقتىلىق 50 شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ پۈتۈشۈش كۆلىمى تەخمىنەن 11 مىليون 330 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئېشىش نىسبىتى % 89 بولغان؛ نۇقتىلىق 20 شەھەردە نىمكەش ئۆيلەرنىڭ پۈتۈشۈش كۆلىمى تەخمىنەن 17 مىليون 970 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ھالقىسىمان ئايلانما ئېشىش نىسبىتى % 117 بولغان. ئۆي-زېمىن كارخانىلىرىنىڭ سېتىش ھالقىسىمۇ كۆرۈنەرلىك قايتا جانلىنىشنى كۈتۈۋالغان، 100 تىپىك ئۆي-زېمىن كارخانىسى يەككە ئايدا ئىشقا ئاشۇرغان سېتىش ھوقۇق-مەنپەئىتى سوممىسى 206 مىليارد 520 مىليون يۈەن بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئېشىش نىسبىتى% 127.1 بولغان.
خەينەن ئۆلكىسى مۇنداق دېگەن:4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، خەينەن تۇرالغۇ گۇڭجىجىننى تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆي سېتىۋالغاندا تۇرالغۇ گۇڭجىجىننى ئېلىش كەسپىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تۇرالغۇ گۇڭجىجىننى ئېلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالغاندا ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلىنى تۆلىشىنى قوللايدۇ.

\

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
پەيشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3919.29 نۇقتا بولۇپ، % 0.74 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 811 مىليارد 897 مىليون يۈەن بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 13486.94 نۇقتا بولۇپ، % 1.6 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 31 مىليارد 97 مىليون يۈەن بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 3172.65 نۇقتا بولۇپ، % 2.31 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 457 مىليارد 158 مىليون يۈەن بولغان.
شاڭخەي ئاكسىيە سودا بازىرى:2026-يىلى 3-ئايدا A پاي چېكى بازىرىدا يېڭىدىن ھېساب ئاچقانلار 4 مىليون 601 مىڭ 400 بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئېشىش نىسبىتى % 82.38بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 50.10 ئاشقان. 2026-يىلى جەمئىي يېڭىدىن 12 مىليون 40 مىڭ 200 ھېساب ئېچىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 61.15 ئاشقان.
مەركىزىي بانكا:رەقەملىك خەلق پۇلى مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭشىن بانكىسى، جۇڭگو گۇاڭدا بانكىسى، خۇاشيا بانكىسى قاتارلىق رەقەملىك خەلق پۇلى كەسپى تىجارەت ئاپپاراتىدىن 12 نى يېڭىدىن كۆپەيتتى ھەم مەركىزىي بانكا تېرمىنالى رەقەملىك خەلق پۇلى سىستېمىسىغا ئۇلاندى.
مېيتۇەن ساياھىتى:4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە ئايروپىلان بېلىتى، پويىز بېلىتى زاكاز قىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 44 ئاشقان، نەنجىڭ، بېيجىڭ، شىئەن، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، ۋۇخەن، شاڭخەي، خاڭجوۋ، گۇاڭجوۋ، لوياڭ چىڭمىڭلىق ساياھەتكە چىقىشتىكى قىزىق نۇقتا مەنزىلگاھلىرى ئىچىدە تۇرغان. 4-ئايدىن بۇيان، ئۆلكە سىرتىغا ساياھەتكە چىقىش ئېھتىياجىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 63 كە يەتكەن، كىشىلەر توپى قۇرۇلمىسىدا، 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار % 48 نى ئىگىلىگەن.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى% 0.13 تۆۋەنلەپ، 46504.67 نۇقتا؛ ناسداك كۆرسەتكۈچى% 0.18 ئۆرلەپ، 21879.18 نۇقتا؛ ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى% 0.11 ئۆرلەپ، 6582.69 نۇقتا بولغان
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى% 0.69 ئۆرلەپ، 10436.29 نۇقتا؛ گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى% 0.56 تۆۋەنلەپ، 23168.08 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 پاي چېكى% 0.24 تۆۋەنلەپ، 7962.39 نۇقتىغا يەتكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.