2-ئاپېرىلدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-04-02 13:27:47

\


بىرىنچى مالىيە-ئىقتىساد خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:2-ئايدىن بۇيان، 19 پۇقراۋى بانكا ئىچىدە، ئاز دېگەندىمۇ يەتتىسى ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى ياكى تۆۋەنلىتىۋاتىدۇ.

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

\

تاموژنا باش مەھكىمىسى:2026-يىلى دۆلىتىمىز تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ئەمەلىي نەتىجىسى بار كارخانىلار سانىدا تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى قاتارلىق 16 تارماق مۇنداق دېگەن:«ئېكولوگىيە-مۇھىت ساھەسىدىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلدى.

\



ئۆي مۈلۈك جەھەتتە؛









گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى:30 مىليارد 719 مىليون يۈەنلىك يەر زاپىسى مەخسۇس زايومى تارقىتىلىپ، 19 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر يۇقىرىغا مەلۇم قىلغان 86 يەر زاپىسىنى يىغىۋېلىپ، بىكار تۇرغان ساقلانما يەر تۈرىنى يىغىۋېلىشقا ئىشلىتىدۇ.
گۈەندىيەن تورى:ئامېرىكا بىرلەشمە شياڭگاڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرى ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق ئۇچۇرى 64.5 نۇقتا بولۇپ، ھەپتىدە 2.4 تۆۋەنلەپ، ئۇدا ئىككى تۆۋەنلەشنى داۋاملاشتۇرغان.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

\

شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3373.03 نۇقتا بولۇپ، 0.18 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 802 مىليارد 847 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10983.04 نۇقتا بولۇپ،% 0.08 چۈشۈپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 277 مىليارد 636 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2266.24 نۇقتا بولۇپ،% 0.67 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 619 مىليارد 406 مىليون بولغان.
ئىككى شەھەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قالدۇق سوممىسى:3-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، شاڭخەي ئاكسىيە سودا بازىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قالدۇق مىقدارى 956 مىليارد 706 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 3 مىليارد 403 مىليون يۈەن كۆپەيگەن؛
گاۋ شېڭ:A پاي چېكى بىلەن H پاي چېكىنىڭ پايدا پەرقى% 15 تىن ئاشقاندا، بازارنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا% 95 لىك تەتۈر ئايلىنىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلىدۇ.
نىڭدې دەۋرى:19 نەپەر رىغبەتلەندۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ چەكلەنگەن پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش تاماملىنىپ، سانى جەمئىي 71 مىڭ 547 پاي بولۇپ، قايتۇرۇپ سېتىۋېلىپ، رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن بۇرۇنقى شىركەت ئومۇمىي پېيىنىڭ% 0.0002 ىنى ئىگىلەيدۇ
توڭخۇاشۈن : 2025ـ يىلى، تىجارەت كىرىمى 4 مىليارد 187 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 17.47 ئاشقان؛ ساپ پايدىسى 1 مىليارد 823 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 30 ئاشقان.
ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى مۇنداق دېگەن:كۆچمە خەۋەرلىشىش مەنبەسى ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى قويۇپ بېرىشنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلاندى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.
ئالما شىركىتى:كەلگۈسى تۆت يىلدا ئامېرىكىغا 500 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى، بۇ ئۇنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك چىقىم ۋەدىسى.
تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە؛

\

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى 0.08 ئۆرلەپ، 43461.21 نۇقتا، ناسىداك كۆرسەتكۈچى 1.21 تۆۋەنلەپ، 19286.92 نۇقتا ، ئۆلچەملىك پۇر 500 كۆرسەتكۈچى 0.50 چۈشۈپ، 5983.25 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى% 0.00 چۈشۈپ، 8658.98 نۇقتا، گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.62 ئۆرلەپ، 22425.93 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.78 تۆۋەنلەپ، 8090.99 نۇقتا بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.