4-مارتتىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-03-04 12:55:44

\

بىرىنچى مالىيە-ئىقتىساد خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:شاڭخەي شەھىرىنىڭ نىمكەش ئۆي بازىرى تېز سۈرئەتتە جانلىنىۋاتىدۇ، 2-ئايلىق توردا ئىمزالاش مىقدارى 17 مىڭ يۈرۈشكە يېقىنلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن 120 ئېشىپ، يېقىنقى ئۈچ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.

ئاكسىيە ۋاقىت گېزىتى:شېنجېن شۈي بېي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئالدىنقى بىر ھەپتىدىكى ھەر گىرامى 696 يۈەندىن ھازىرقى 678 يۈەنگە چۈشتى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى باھانىڭ داۋالغۇش دەرىجىسى يەنىلا ناھايىتى چوڭ بولماقتا.
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

\

پېڭپەي خەۋىرى:2025 ـ يىلى، دۆلىتىمىز پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە؛

\

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مۇنداق دېگەن:يېقىندا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تارىخىي ئىمارەتلەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى نۇقتىلىق سىناق قىلىش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى.


ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە :

\



دۈشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3316.93 نۇقتا بولۇپ، 0.12 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 643 مىليارد 981 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 1064959 نۇقتا بولۇپ، 0.36 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 980 مىليارد 696 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2196.52 نۇقتا بولۇپ، 1.20 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 472 مىليارد 696 مىليون بولغان.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى:شىركەتنىڭ پاي چېكى بولغان شېنجېن شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى كاپالىتى ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، باھادا مەركەزلىك بەسلىشىش سودىسى شەكلى ئارقىلىق شىركەتنىڭ جەمئىي 16 مىليون 969 مىڭ 620 پېيىنى كېمەيتكەن، بۇ شىركەت ئومۇمىي پېيىنىڭ 1 ىنى ئىگىلىگەن.
شېنجېن شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى:«شېنجېن شەھىرىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېرمىنال كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش ھەرىكەت پىلانى ( 2026-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە )»نى بېسىپ تارقاتتى.
ياپونىيەنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۆلكىسى:مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە تۇنجى قېتىم خېرىدار بولۇش مۇسابىقىسىنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت زاپاس گۈرۈچىدىن 150 مىڭ توننىنى بازارغا سالىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاللا بازىرى قاتارلىق پارچە سېتىش يوللىرى ئارقىلىق بازارغا سېلىنىدىكەن
دۆلەت ئىچى تاۋار زاكاز مېلى :3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن بازار يېپىلغانغا قەدەر، ئۆزئارا ئۆرلەش-چۈشۈش كۆرۈلگەن.






تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

\


ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 1.48 تۆۋەنلەپ، 43191.24 نۇقتا؛ ناسىداك كۆرسەتكۈچى 2.64 تۆۋەنلەپ، 18350.19 نۇقتا، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى 1.76 چۈشۈپ، 5849.72 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى 0.70 ئۆرلەپ، 8871.31 نۇقتا ؛ گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 2.64 ئۆرلەپ، 23147.02 نۇقتا بولغان؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 1.09 ئۆرلەپ، 8199.71 نۇقتا بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.