27-فېۋرالدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-02-27 13:26:09

\

كۈندىلىك ئىقتىساد تورىدا مۇنداق دېيىلگەن:2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، جۇڭگو مودېلى 412 تىرىليون Token نىڭ تەڭشىلىش مىقدارى بىلەن، تۇنجى قېتىم ئوخشاش مەزگىلدىكى ئامېرىكا مودېلىدىكى 294 تىرىليون Token دىن ئېشىپ كەتتى.

مالىيە-ئىقتىساد باش بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:يان تېلېفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ ھەم ساقلاش ئۆزىكىنىڭ باھاسى سىجىل ئۆرلەش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ساقلاش ئۆزىكىنى سېتىۋېلىش تەننەرخى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 80 تىن كۆپرەك ئاشقان بولسىمۇ، يەنىلا ئاستىلاش ئالامىتى كۆرۈلمىدى. OPPO، ۋىۋو، شياۋمى قاتارلىق كۆپلىگەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يان تېلېفون ماركىلىرىنىڭ باھاسىنى 3-ئاينىڭ بېشىدا تەڭشەش بېكىتىلدى.

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

مەركىزىي بانكا:بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى بىلەن چېگرا ھالقىپ ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەسپىگە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. چېگرا ئىچىدىكى بانكىلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلغىلى بولۇش پىرىنسىپى بويىچە خەلق پۇلى بىلەن چېگرا ھالقىپ ئوخشاش كەسىقتىكىلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

ئېنېرگىيە ئىدارىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش يېڭى كەسىپ ھالىتى سېلىنمىسى تېز قويۇپ بېرىلدى. 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىر مەنبەسى نۇقتىلىق تۈر سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 10.3 ئاشتى، ئېلېكتىر تورى نۇقتىلىق تۈر سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 7.1 ئاشتى، ئېنېرگىيە سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاساسلىق كەسىپلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇردى.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:2026-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، خەينەندە ئىستېمال قىزغىنلىقى سىجىل ئېشىپ، ئومۇمىي ئىستېمال سوممىسى % 7.8 ئاشقان. كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 12 مىليون 320 مىڭ 500 ئادەم قېتىم بولغان، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەتچى ئومۇمىي خىراجىتى 18 مىليارد 366 مىليون يۈەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 28.9 ۋە % 30.7 ئاشقان.

خەلقئارا پۇل مۇئامىلە جەمئىيىتى:يەر شارىۋى قەرز كۆلىمى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۆرلەپ رېكورت ياراتقان 348 تىرىليون دوللارغا يېتىپ، 29 تىرىليون دوللارغا يېقىن ئېشىپ، 2020-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تېز ئېشىش سۈرئىتىنى ياراتتى، ئىلگىرىكى ئائىلە ياكى كارخانىلار يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتتى.

\

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

پەيشەنبە، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 4146.63 نۇقتا بولۇپ، % 0.01 تۆۋەنلىگەن، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 67 مىليارد 199 مىليون يۈەن بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 14503.79 نۇقتا بولۇپ، % 0.19 ئۆرلىگەن، پۈتۈشۈش سوممىسى 147 مىليارد 247 مىليون يۈەن بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 3344.98 نۇقتا بولۇپ، % 0.29 تۆۋەنلىگەن، پۈتۈشۈش سوممىسى 697 مىليارد 126 مىليون يۈەن بولغان.

شياڭگاڭ ئاكسىيە سودا بازىرى:2025-يىللىق كىرىمى ھەم باشقا پايدىسى 29 مىليارد 161 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 30 ئاشقان.

رۇيشىڭ قەھۋەسى:2025-يىلى ئومۇمىي ساپ كىرىمى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 43.0 ئېشىپ، 49 مىليارد 288 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛

ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى:جەنۇب شىركىتى قارىمىقىدىكى تارماق شىركەتلەرنى 26 مىليارد 540 مىليون دوللار قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلەتتى، بۇ، قەرز پۇل ئىشخانىسى تارىختىن بۇيان تەمىنلىگەن ئەڭ چوڭ يەككە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.03 ئۆرلەپ، 49499.20 نۇقتا؛ ناسداك كۆرسەتكۈچى% 1.18 تۆۋەنلەپ، 22878.38 نۇقتا ئۆلچەنلىك پور 500 كۆرسەتكۈچى% 0.54 تۆۋەنلەپ، 6908.86 نۇقتا بولدى.

ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى% 0.37 ئۆرلەپ، 10846.70 نۇقتىغا يەتكەن؛ گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى% 0.45 ئۆرلەپ، 25289.02 نۇقتىغا يەتكەن؛ فىرانسىيە CAC 40 پاي چېكى% 0.72 ئۆرلەپ، 8620.93 نۇقتىغا يەتكەن.

ئالتۇن جەھەتتە: ئالتۇن زاكاز مېلى% 0.45 چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسى 5202.80 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

كەن . برېنت خام نېفىتىنىڭ 4-ئايدىكى خام نېفىت زاكاز مال باھاسى 70.75 دوللار بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.